تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قىش پەسلىدە زۇكامدىن ساقلىنىشنىڭ ئەپچىل چارىسى

1. سوغۇق سۇدا يۈز يۇيۇش. ئادەتتە كىشىلەر سوغۇق ھاۋانىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسى تارىيىپ، نەپەس يولىنىڭ لۆمۈلدىشى ئاستىلايدۇ، قان تومۇرلار تارىيىپ، ئاجراتما ماددىلار ئازىيىدۇ، بۇلار بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاجىزلىتىدۇ. يۈزنى ھەر كۈنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇپ بەرگەندە بەدەننىڭ سوغۇققا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

    2. غولپىياز يىلتىزى قايناتمىسى ئىچىش. غولپىيازنىڭ سوغۇقنى ھەيدەش، تەرلىتىش، غولپىياز ئېقىنىڭ ئىسسىقنى ھەيدەش رولى بولىدۇ. زۇكامنى داۋالاشتا غولپىياز ئېقىنى يىلتىزى بىلەن قوشۇپ پاكىز يۇيۇپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

    3. تۇز سۈيىدە ئېغىز چايقاش. كۈندە ئەتىگەن ۋە كەچتە تاماقتىن كېيىن تۈز سۈيىدە ئېغىز چايقاپ بەرسە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى مىكروبلارنى تازىلاپ، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى داۋالىغىلى ياكى ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇ ناھايىتى ياخشى تازىلىق ئادىتى بولۇپ، يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغان چاغلاردا زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.

    4. پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش. قىش كۈنلىرى پۇت – قوللارنىڭ ئۇچلىرى ئانچە ئىسسىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا كۈندە كەچتە پۇتنى تېمپېراتۇرىسى℃40 ~ ℃50 لۇق ئىسسىق سۇغا چىلاپ بەرسە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

    5. بۇرۇننى ئۇۋىلاش. ئىككى قولنى بىر – بىرىگە سۈركەپ، ئالقاننى قىزىتقاندىن كېيىن، بۇرۇننى ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە ئۇۋىلاپ بەرسە، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم زۇكامدىن كېيىنكى بۇرۇن ئېتىلىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يەنە بۇرۇن ياللۇغىنىمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/18/content_489472.htm 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز