خىيالىڭنى بەر
ساداقەتجان ھاجى
كەل چېچىڭدىن رەڭ بەر كېچىگە،
كۆزلىرىڭدىن يۇلتۇز تۆكۈلسۇن.
شوخ بۇلاقنىڭ سىرلىق كۈيىگە
يۈزۈڭدىن ئاي چىقىپ چۆمۈلسۇن.
ھىدلىرىڭنى بەرگىن شامالغا
ياپراقلارغا پۈركۈپ ئوينىسۇن.
خىيالىڭنى بەر مەجنۇنتالغا،
سۇ بويىدا مېنى ئويلىسۇن.