بالىلارنىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ تۇرۇپ سۆزلىشىش قارىماققا ئاددىي ھەرىكەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ مۇناسىۋىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مۇھىم تەربىيە، ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن بالا تەربىيەلەشنىڭ سەۋىيەسىنى ۋە ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.بالىلارغا بولغان ھۆرمەت، يېقىنچىلىقنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.بالىلار بىلەن تەڭ ئېگىزلىكتە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ سۆزلىشىش، ئېگىز تۇرۇپ، غادىيىۋېلىپ. بۇيرۇق چۈشۈرۈشتىن مىڭ ياخشى، شۇندىلا بالا ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويالايدۇ.ئاتا-ئانا كۆڭۈلگە پۈككىنى بويىچە قاراتمىلىق ھالدا بالىلارغا ئەتراپلىق تەربىيە بېرەلەيدۇ.
يازنىڭ ئىسسىق تومۇزىدا ئىھسان پۇتبول ئويناپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگۈنىچە يۈگۈرۈپ ئۆيگە كىرىدۇ-دە، توڭلاتقۇدىن چوكا مۇز ئېلىپ يەيدۇ.ئۇسسۇزلۇقى قانمىغاندىن كېيىن يەنە ئېلىپ يېمەكچى بولىدۇ. ئاپىسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭغا چالۋاقايدۇ: «كۆپ يېسەڭ ئىچىڭ سۈرىدۇ، يېمە!»
ئېھسان دومسايغان ھالدا:«ئىسسىقتىن ئۆلەي دېدىم، يەيمەن!» دەپ جېدەل قىلغىلى تۇردى. ئاپىسى بالىسىنىڭ گەپ ئاڭلىمىغانلىقىدىن ئاچچىقلىنىپ توڭلاتقۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋالىدۇ. دادىسى ئوغلىنىڭ ئاپىسى بىلەن تىركىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بالىنىڭ قېشىغا كېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن قول ياغلىقى بىلەن بالىنىڭ تەرلىرىنى سۈرتكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇلايىملىق بىلەن «سەن قائىدە ئۇقىدىغان ياخشى بالا، ئاپاڭ سېنى تەرلىگەندە چوكا مۇزنى كۆپ يېسە، زۇكامداپ قالىدۇ، دېدى...» ئېھسان دادىسىنىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، بايىقى جاھىللىقىدىن ئەسەرمۇ يوق مۇلايىملىق بىلەن:«ئاپامنىڭ مەن ئۈچۈن ياخشى بولسۇن دەۋاتقانلىقىنى بىلىمەن...» دېدى. دادىسى باش لىڭشىتقان ھالدا:
-ياخشى بالام، ئىسسىپ كەتكەن بولساڭ، بىر يۇيۇنىۋېلىپ سالقىنلىغىن،-دېۋىدى. شۇنىڭ بىلەن ئېھسان دادىسىنىڭ سۆزى بويىچە مۇنچىغا كىرىپ كەتتى.
مەلۇمكى، تۇرۇبا ئىچىدىكى سۇ، تۇرۇبىنىڭ ئىككى ئۇچى كۆپ پەرقلەنمىسە، ئىككى تەرەپكە قاراپ ئاقىدۇ. ناۋادا تۇرۇبىنىڭ بىر تەرىپى ئېگىز، يەنە بىر تەرىپى پەس بولسا، سۇ پەس تەرەپكىلا قاراپ ئېقىپ، بىر جايغا يىغىلىۋالىدۇ. ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ خۇددى شۇنداق، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بالىلار بىلەن سۆزلەشكەندە، بالا ئاتا-ئانا بىلەن تەڭتۇشلارغا ئوخشاش باراۋەر تۇرۇپ، سىردىشالايدۇ. زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بالىلار بىلەن سۆزلىشىش بالىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ بىرخىل ئۈنۈمدار شەكلى. تۆۋەندە بىرقانچە ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويماقچى، سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ:
1. سۆزدە مۇلايىم بولۇش
بەزىدە ئاتا-ئانىلار ئۆزىنى باسالماي ئاچچىقلىنىپ قالىدۇ. قانچە ئاچچىقلانغانسېرى، زۆرۈريىتى بولمىغان سۆزلەر ئېغىزدىن چىقىپ كېتىدۇ. مۇنداق چاغدا تېخىمۇ دىققەت قىلىپ مۇلايىم بولۇش زۆرۈر.
2. گەپ-سۆزلەرنىڭ ئورانىغا دىققەت قىلىش
بالىلارغا نىسبەتەن ئۇدۇللا ياكى توغرىسىغىلا ئېيتىلغان سۆزلەر گەرچە راسىت بولسىمۇ، لېكىن بەزىدە بالىلارغا نىسبەتەن ئەكس تەسىر بېرىپ قويىدۇ.شۇڭا بالىلارنىڭ ياش قۇرامىغا، كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ سۆز شەكلىنى بەلگىلەش تولىمۇ زۆرۈر.
3. بالىلارنىڭ پىكرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاڭلاش
ئائىلىۋى سۆھبەتكە بالىلارنىمۇ قاتناشتۇرۇش، مەيلى بالىلارنىڭ پىكرى توغرا ياكى خاتا بولسۇن، بۇ بالىغا نىسبەتەن مۇشۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدا چوڭلارنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.