بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى يېقىن ئاغىنىسىغا ئارىيەت بېرىپ تۇرۇپتۇ، يېقىن ئاغىنىسى ئۇنىڭ ئايالىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ، ئۇنى ئاتا-ئانىسىغا كۆرسىتىپتۇ ۋە يالغاندىن قىز دوستى بار قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ. بۇ ئەر ئايالى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ، ھېسابلاپ كۆرسە نەق ئايالىنى ئاغىنىسىغا ئارىيەتكە بېرىپ تۇرغان كۈنكەن. ئۇ ئىنتايىن ئاچچىقلاپ ئاغىنىسىنى ئىزدەپ بېرىپتۇ، لېكىن ئاغىنىسى قەتئىي ئىقرار قىلماي تۇرىۋاپتۇ ئاندىن، ئاندىن قانداق بولاتتى، ئۇنى ھېچنىمە قىلالماپتۇ. شۇڭا سىلەرگە دەيدىغىنىمىز ئايالىڭىز بىلەن ئاپتوموبىلىڭىزنى باشقىلارغا ئارىيەتكە بېرىپ تۇرماڭ. بىر ئەر ئاپتوموبىلىنى يېقىن ئاغىنىسىغا ئارىيەت بېرىپ تۇرۇپتۇ
كىم بىلسۇن ئاغىنىسى ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەيدەپ ۋەقە تۇغدۇرۇپ، ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەر بىلەن بىللە نەق مەيداندا جەھەننەمگە كېتىپتۇ. ئاقىۋەت ھەممە بالاغا بۇ ئەر قاپتۇ. ئاغىنىسىنىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولمىغاچقا ھەمدە ئۆلۈپ كەتكەچكە، سوت بۇ ئەرگە چاتما جاۋابكارلىقنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا، ئاپتوموبىلدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەشكە بۇيرۇپتۇ. ئۇ تۆلەيدىغان پۇل بەك كۆپ بولغاچقا، ئاخىرى بولماي ئاغىنىسىنىڭ ئۆيدىكىلىرىنى ئىزدەپ، ئىقتىسادىي زىياننى بىللە ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىپتۇ نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بۇ ئەر بىلەن كارى بولماپتۇ.
تۇرمۇش دېگەن مۇشۇ شۇ!
شۇڭا شوپۇرلارنىڭ ئارىسىدا مۇنداق بىر گەپ بار:
ئايالىڭىز بىلەن ئاپتوموبىلىڭىزنى باشقىلارغا ئارىيەتكە بېرىپ تۇرماڭ، ئىش يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى.