تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تولا ھېق تۇتىدىغانلار ئاشقازان راكىدىن پەخەس بولۇشى لازىم

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

مۇتەخەسسىلەر مۇنداق كۆرسىتىدۇ: مۇبادا ئۆزلۈكىدىن كېكىرگەن ۋاقتى 48 سائەتتىن ئېشىپ كېتىدىكەن، بۇ جاھىل خاراكتېرلىك ھېق تۇتۇش دېيىلىدۇ. جاھىل خاراكتىرلىك ھېق تۇتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئاشقازان راكى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرىدۇر. ئاشقازان راكى ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، قورساقنىڭ ئۈستۈنكى قىسىمى كۆپۈۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، توختاۋسىز ھېق تۇتۇشنى پەيدا قىلىدۇ ياكى ئۆسمە ئاشقازاننىڭ كېڭىيىپ كېتىپ، ئاداشقان نېرۋىنى غىدىقلىغانلىقى سەۋەبلىك ھېق تۇتىدۇ. يەنە ئېيتساق، ئاشقازان ئاداشقان نېرۋىغا ياكى دىئافراگماغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن ھېق تۇتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

شۇڭا، تۇرۇپ-تۇرۇپ ھېق تۇتۇش ئالامىتى كۆرۈلسەش چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ئاشقازان راكىنى بالدۇرراق بايقاشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشقازان راكىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى: قورساقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى بىئارام بولۇش، قورساق كۆپۈش، ئاشقازان ئاغرىش ۋە چوڭ تەرەت قارا كېلىش قاتارلىقلاردۇر. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز