1. ئانىنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىن : ئانا ئاغرىپ قالسا، ھامىلىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ناۋادا بىر قىسىم يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
2. دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشىدىن : ئانا ئىشلەتكەن دورا قان ئارقىلىق بىۋاستە ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئانا قالايمىقان دورا ئىشلەتسە، ھامىلە غەلىتە تۇغۇلۇپ قالدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
3. كەيپىيات ياخشى بولماسلىقىدىن : ئانىنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىسا ھامىلىنىڭ پىسخىكىسىغا ، فىزىيولوگىيەلىك يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4. X نۇرىغا چۈشۈشتىن : X نۇرىنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرى چوڭ. X نۇرىغا كۆپ چۈشكەندە بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
5. ئېغىر ھەرىكەت قىلىشتىن : ئانا ئېغىر ھەرىكەت قىلغاندا، ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش، بويىدىن ئاجراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
6. ۋاقتىدا تەكشۈرتمەسلىكىدىن : ئانا ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرغاندا، ھامىلىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىلگىلى بولىدۇ.