ياردەم
تولىمۇ ئېغىر يۈك ئارتىلغان بىر ئېشەك ھېرىپ ھالىدىن كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېنىدا مەغرۇر كېتىۋاتقان ئاتقا ئىلتىجا قىپتۇ:
-بۇرادەر ماڭا ياردەم قىلىپ ئۈستۈمدىكى يۈكتىن ئازراق كۆتۈرۈۋالساڭ قانداق، ساڭا نىسبەتەن بۇنچىلىك يۈك ھېچنىمە ئەمەس، بىراق ماڭا نىسبەتەن بۇ بىر خىل ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغانلىق، بىر ياردەم قىلىۋىتە!
-سەن نېمەڭگە تايىنىپ مەندىن يۈكىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسەن؟ ياكى مېنى بەك ئازادە بولۇپ كەتتى دەپ كۆرەلمەيۋاتامسەن، دەپتۇ ئات قاپاقلىرىنى تۈرگەن ھالدا. بىراق ئۇزاققا بارمايلا ئىشەك يۈكنىڭ ئېغىرلىقىدىن بولالماي ئۆلۈپ قاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن خوجايىن ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يۈكنى ئاتقا ئارتىپتۇ، بۇ چاغدا ئات پۇشايماندىن كۆزلىرىنى ياشلاپتۇ.
شۇنداق، ئادەم شەخسىيەتچىلىكى كۈچىيىپ تېرىسىگە پاتماي قالغاندا مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئۇنتۇيدۇ: بىز ھەممىمىز يەرشارىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ كېمىدە بىللە ياشايمىز، شۇڭا باشقىلارنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ھاياتىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇنداقل،ا باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكى بىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، شۇنداقلا باشقىلارغا بەرگەن ياردىمىمىزنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزگە بەرگەن ياردىمىمىز ئىكەنلىكى يادىمىزغا كەچمەيدۇ-دە، ئاقىۋەتتە بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەندە ۋاي ئىسىت دېگەن بىلەن ھېچقانداق ئىش ئورنىغا كەلمەيدۇ.