تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاپتونوم رايون بۇ يىل پېداگوگىكا كەسپى

 

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل پېداگوگىكا كەسپى بويىچە ھەقسىز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن 3580نى قوبۇل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا 3000ئوقۇغۇچى، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا 80ئوقۇغۇچى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا 500ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.
24-ماي ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەربىيەلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار تولۇق كۇرس بىلەن مەخسۇس كۇرس بويىچە قوبۇل قىلىنىدىكەن، تولۇق كۇرس بويىچە خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى، ئىنگلىز تىلى، ماتېماتىكا ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكا قاتارلىق 16كەسىپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئۇلار شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، سانجى ئىنستىتۇتى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق تۆت ئالىي مەكتەپتە نىشانلىق تەربىيەلىنىدىكەن.مەخسۇس كۇرس بويىچە تىل-ئەدەبىيات، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق 13كەسىپكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالتە مەكتەپتە نىشانلىق تەربىيەلىنىدىكەن.
ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل تولۇق كۇرس بويىچە بۇلتۇرقىنىڭكىدىن 2100ئوقۇغۇچى كۆپ قوبۇل قىلىنىدىكەن.تولۇق كۇرس بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان كەسىپلەر ماتېماتىكا ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكا، مۇزىكا، سەنئەت، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى (تەبىئىي پەنلەر)، يەسلى مائارىپى كەسپى قاتارلىقلار ئىكەن.بۇنىڭدىن باشقا، مەخسۇس كۇرس بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىگە كاپالەتلىك قىلىنغان ئاساستا، مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت ۋە يەسلى مائارىپى كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى كېڭەيتىلىدىكەن.
ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىككىگە بۆلۈنىدىكەن.بىرى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئاممىۋى قۇرۇلۇش، ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش، مال دوختۇرلۇقى قاتارلىق 16كەسپكە 380ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى، تيەنجىن كەسپىي تېخنىكا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، جياڭسۇ سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالتە مەكتەپتە نىشانلىق تەربىيەلىنىدىكەن. يەنە بىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلاردىن مېخانىكا قۇرۇلۇشى، كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، ساياھەت باشقۇرۇش قاتارلىق بەش كەسىپكە 120ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا نىشانلىق تەربىيەلىنىدىكەن.
ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا ‹‹پېداگوگىكا كەسپى بويىچە ھەقسىز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى››غا تىزىملاتسا بولىدىكەن.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز