تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاماكا چەككۈچىلەرگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر

تاماكا چەككۈچىلەرگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر

خەلق تورىنىڭ 21-فېۋرال خەۋىرى: تاماكا چېكىش ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت تاماك چەككەندە كاناي ياللۇغى، راك قاتارلىق ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى 9 تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
1. تەركىبىدە مول مىقداردىكى ۋىتامىن C بولغان يېمەكلىكلەر.
تاماكا چەككەندە زور مىقداردىكى ۋىتامىن خوراپ، ۋىتامىننىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ ۋىتامىن C ماددىسغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ۋىتامىن C تەركىبى مول بولغان مېۋە كۆكتاتلارنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە تولۇلاش رولى بولىدۇ. مەسىلەن: ماندارىن، ئاپلېسىن، لىمون، ئاڭ تۇرۇچ (چوڭ ئاپلېسىن)، پەمىدۇر، گىلاس، دۇلانە، گۇئاۋا، قىزىلمۇچ، بۆلجۈرگەن، كاپۇستا، چېچەكسەي، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلار.
2. تەركىبىدە مول مىقداردىكى ۋىتامىن B2 بولغان يېمەكلىكلەر.
مەسىلەن قوي- كالىنىڭ جىگىرى، تۇخۇم سېرىقى، ئېرىمچىك ۋە سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، قارا گۆش، پالەك، مېۋە، يىلانبېلىق، سەۋزە، قىشلىق موگۇ (شىياڭگۇ) قاتارلىقلار.
3. چاي.
تاماكىنىڭ تەركىبىدىكى بىر قىسىم بىرىكمىلەر ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ ئىچكى پەردىسىنى قېلىنلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىرىلىشىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايتىش بىلەن بىرگە قان قەنتىنى ئۆرلىتىشتەك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چاي تەركىبىدىكى كاتېخىن ئۈنۈملۈك ھالدا خولېتسېرىننىڭ قان تومۇردا يىغىلىپ قېلىشنى توسۇپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى ئاشۇرۇۇش بىلەن بىرگە قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا تاماكا چەككۈچىلەر دائىم چاي ئىچىپ بېرشى كېرەك بولۇپمۇ يېشىل چاينى كۆپ ئىچىپ بەرگىنى ياخشى. يېشىل چاينىڭ تاماكىنىڭ زەھىرىنى يەڭگىللىتىش، سۈيدۈك ۋە زەھەر ھەيدەش بىلەن بىرگە يەنە تاماكىنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ، بەدەندە يىغىلىپ قېلىش ۋاقتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
4. تەركىبىدە مول مىقداردىكى سېلېن بولغان يېمەكلىكلەر.
مەسىلەن، قوي-كالىنىڭ جىگىرى، دېڭىز يۈسۈنى ۋە راك قاتارلىقلار. تاماكا چەككەندە ئادەم بەدىنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى سېلېن ماددىسىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېلېن راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راكقا قارشى تۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مىكرو ئېلېمېنت.
5. خولېتسېرىننى تۆۋەنلىتىدىغان يېمەكلىكلەر.
تاماكا چېكىشنىڭ قان تومۇرلاردىكى خولېتسېرىن ۋە ياغنىڭ يىغىلىۋېلىشىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ مېڭىنى تەمىنلىگەن قان مىقدارى ئازلاپ، مېڭە يىگىلەش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇڭا ، تاماكا چەككۈچىلەر غىزالانغاندا تەركىبىدە ياغ كىسلاتاسى بولغان مايلىق گۆشلەرنى ئامال بار ئاز يېيىش كېرەك.خولېتسېرىننى تۆۋەنلىتىدىغان ۋە كونترول قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك. مەسىلەن: سۈت، بېلىق تۈرى، پۇرچاق تۈردىكى يېمەكلىكلەر ۋە مېۋە كۆكتات قاتارلىقلار.
6. قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ۋە قارا ئاشلىق.
ئامېرىكا دۆلەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە (ئۆرۈك مېغىزى، ياڭاق، گازىر قاتارلىقلار) بىلەن قارا ئاشلىق قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن E بولغان يېمەكلىكلەر تاماك چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكە راكى كېسەللىكى بولۇپ قېلىش خەتىرىنى %20 تۆۋەنلىتىدۇ.
7. سۈت ۋە سەۋزە.
دائىم سۈت بىلەن سەۋزە ئىستېمال قىلىدىغان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئاشقازان ۋە ئۆپكە راكى بولۇش نىسبىتى دائىم سۈت ۋە سەۋزە ئىستېمال قىلمايدىغان تاماك چەككۈچىلەردىن تۆۋەن بولىدۇ.
8. تەركىبىدە كاروتېنβ بولغان يېمەكلىكلەر.
مول مىقداردىكى كاروتېنβ ماددىس بولغان ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر ئۈنۈملۈك ھالدا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ خۇمىرىنى پەسەيتىپ، تاماكا چېكىش مىقدارى ۋە تاماكا تاشلاشقا بەلگىلىك دەرىجىدە رولى بولىدۇ. تەركىبىدە مول مىقداردىكى كاروتېنβ ماددىسى بولغان يېمەكلىكلەردىن، سەۋزە، پالەك، كۆك پۇرچاق مايسىسى، بېدە، قىزىلمۇچ قاتارلىقلار بار.
9. ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر.
ئادەم بەدىنىدىكى سۇيۇقلۇق ئىشقارلاشقاندا، تاماكا چەككۈچىنىڭ نىكوتېن سۈمۈرۈشىنى ئازايتىدۇ. مېۋە، كۆكتات، دادۇر قاتارلىق ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بەرگەندە، نېكوتېننىڭ سۈمۈرۈلىشنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە يەنە بۇ ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاقرىلىپ چىقىرىشىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تاماكا چەككۈچىدىكى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان نۇقتىلار پەقەت تاماكىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىدۇ. ساغلام ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن بارلىق تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى تاماكىنى تاشلىشى تەكىلىنىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بەدىنىڭىزنى ياخشى قوغدىيالايسىز.
 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز