تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئالىي مەكتەپكە تېخى قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار 15-ئاۋغۇست تولۇق كۇرس تۈركۈمى بويىچە قايتا ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ

 

 

 

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى(ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە)دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار، ‹‹قوش تىل›› سىنىپىدا ئوقۇغانلار ۋە خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن تېخى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنمىغانلار 15-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6دىن سائەت 18گىچە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjzs.edu.cn)دا تولۇق كۇرس تۈركۈمى بويىچە قايتا ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ، قايتا تولدۇرۇلغان ئارزۇغا 16-، 17-ئاۋغۇست ئارخىپ چىقىرىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.ئوقۇغۇچىلار قايتا ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدىن قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرسە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇندالمىغان ئالىي مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشسا بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمچە، نامرات رايونلاردىن مەخسۇس تۈر پىلانى بويىچە مەخسۇس كۇرس تۈركۈمىدە، مەخسۇس كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمىدە ۋە كېيىنكى تۈركۈملەردە ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە)دا ئىمتىھان بەرگەنلەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەسلىي پىلاندىكى ۋاقىتتىن كېچىكتۈرۈلگەن.خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن مەخسۇس كۇرس 1-تۈركۈمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلان بويىچە 15-ئاۋغۇست باشلىنىدىكەن، بۇ تۈركۈمدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى 150نەچچە ئالىي مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن 36مىڭ 465ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.

 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز