مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ھايات بىرلا قېتىم كېلىدۇ. سالامەتلىكنى ئاسراشنى، ھاياتنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن كىشى ھەممە نەرسىدىن قۇرۇق قالىدۇ. خىزمەت بىلەنلا بولۇپ، سالامەتلىكنى قۇربان قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.
مېڭە چارچاشنىڭ ھېچقانداق پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشى ھەم ھېچقانداق ئورگانىك ئۆزگىرىشى بولمىسىمۇ،تۇيۇقسىزلا كۆڭلى ئاينىش،قۇسۇش،تىت–تىت بولۇش، نېرۋا ئاجىزلىشىش، روھىي ھارغىنلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 25 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ئالىي مەلوماتلىق مۇخبىر، ئېلان ۋە ئۇچۇر خادىملىرى، تور پونكىتى باشقۇرغۇچىلىرى، چوڭ تۈرلەرنى ھۆددىگە ئالغانلار مېڭە چارچاش كۆپ كۆرۈلىدىغان كىشىلەر ئىكەن . ۋۇ ليۇشىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: بۇنداق كىشىلەر كرىزىسنى باشقۇرۇش ئېڭى ۋە بىر تۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى؛ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، مەغلۇبىيەت ۋە غەلبىگە توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغان روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈشى؛ كۈندىلىك خىزمەت پىلانى تۈزۈپ، خىزمەت بىلەن ئارام ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك؛ مۇۋاپىق چېنىقىش ۋە قانغىچە ئۇخلاشمۇ بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىش كېرەك. مەسىلەن، پىسخولوگىيە دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت سوراش، دوستلىشىش، كۆڭۈل ئىزھار قىلىش قاتارلىقلار. تەرتىپلىك تۇرمۇش رىتىمىنى ساقلاش ھەم قانغىچە ئۇخلاش ھەرقانداق ئوزۇقلۇقتىنمۇ مۇھىم.
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/12/content_487174.htm