شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتتىن 56 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلماقچى. خىزمەت ئۇچۇرىنىڭ تەپسىلاتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.gov.cn) ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېتىدە (http://www.xjmu.org) ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئىش ئورنىنىڭ شەرتلىرىگە توشىدىغانلار 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈندىن 25-كۈنىگىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، نەق مەيداندا تىزىملاتسا بولىدۇ. سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بولۇپ، سالاھىيەت تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەنلەر تىزىملىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى باش تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ، ئىمتىھاننىڭ كونكرېت ۋاقتى ۋە ئورنى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.