تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كارامەت ئىسىل شئېر { ساختا سەتەڭ }

كارامەت ئىسىل شئېر { ساختا سەتەڭ }

بۇسەتەڭ شۇنداق سەتەڭ ، سۆلىتى - دەسمايىسى .
ساختا كۈلكە ساختا ھۆرمەت ، ئىززىتى - دەسمايىسى .
ئاق بىلەك ، ئاپپاق يوتا ، ئاق يۈزى - دەسمايىسى .
كۆزلىرىدە جىلۋە قىلغان شەھۋىتى - دەسمايىسى .
بولدى بەس نەق گەپنى قىلساق ئىپپىتى دەسمايىسى

بۇ سەتەڭ شۇنداق سەتەڭ بەللىرىدۇر بىر تۇتام .
گاھى قېلىن گاھى نىپىز سۇقىدۇ يۈز مايدا تام .
ياقسىز -يەڭسىز ئىرۇ كۆينەكلىرى مەغرىپ مۇقام .
بىر غېرىچلا يوپكىسى ھەممە نەق خوللاس كالام .
تامبىلى بارماقچە بار - يوق ئىپپىتى دەسمايىسى

دەپ تۇرۇپ ئۇيغۇرنى ئۇرغۇي ئاغىزىدا گوپەي تېخى .
چىقسا ئۆيدىن مومىسىغا دەيدۇ ھەم بەيبەي تېخى .
گاھ فىرانسۇز گاھ پولەكچە چاچرىتار شۆلگەي تېخى .
ئاغىرسا {ئەييول} لا دەيدۇ ، ئەستە يوق {ۋاييەي} تېخى .
مودا دەپ يۇيمايدۇ كۆينەك ، چەتئەل پېتى دەسمايىسى

كەستى سۇمبۇل چېچىنى داغلىدى داغمالدا ئۇ .
بۇدرە دەپ بولدى سېۋەت باش بۇدرىلەرنىڭ ئالدى ئۇ .
يىڭنە بىلەن مەڭ ياساپ تولىمۇ قىينالدى ئۇ .
قاتتى ئۇ ئەينەك ئالدىدا ، كەتسە ئوت قوزغالدى ئۇ .
ئۆزىدە دەسمايە يوق ، زىننىتى دەسمايىسى .

ئۆزى ئۇيغۇر تۇرقىدا ئۇيغۇرلۇقتىن دىرەك يوق .
يوق ئەمەس باردۇر يۈرەك ، يۇقى ئۇيغۇرچە يۈرەك .
قايسى مىللەت بولمىسۇن قىلماس ئۇنى ھەرگىز كېرەك .
كېچىسى دەملەيدۇ قەھۋە ، كۈندۈزى تارتىپ خورەك .
كىملەر بولسۇن قوينىدا ئىشرىتى - دەسمايىسى

نەچچە ئەرگە تەگدى ئۇ ، ئايمۇ ئۆتمەي ئۈچ تالاق .
يېشى 18 تېخى ، مۇشتەك تۇرۇپ بولدى پالاق .
شۇ پېتى ئۆزگەرمىسە ، قىلماس ئۇنى ئىتمۇ يالاق .
يۈتمىدى ياكى ئەجەل ، يا بولمىدى ئاغرىق سىلاق .
قاترىدى ھەر دەسىدە ، ھارماس پۇتى دەسماياسى

مودا دەپ تاللاپ تۇرۇپ ئىچىدۇ شامپان يەنە .
تۈگسە شامپان ئاق ھاراققا قول سۇنار شۇ ئان يەنە .
قولىغا سىگارىت- تارتىشى چاپسان يەنە .
چەككىدەك خىروئىن ، قاينىغاچ ۋىجدان يەنە .
بەيگە بەرمەس ھەر سەنەمدە ، شۆھرىتى- دەسمايىسى .


ياشىماق بولماس نىسىپ ئەلۋەتتە راسىت دەسمايىسىز .
ئادىمى بولماق قىيىن ياخشى ئەخلاق غايىسىز .
نۇر چاچار مىللەتمۇ يوق ، مۇتلەق غۇبارىسىز - سايىسىز .
ئۆز ئۈيىدىن باتنىغىنىنى كۆردى كىملەر ئەزىز .
كەلتۈرەر بىر بۇردا نان ، مىننىتى دەسمايىسى

ئۇشبۇ مەلئۇن دەردىدە تاپقان ئاتاسى ئاھ ئۇرار .
قىلمىشىدىن ھەر كېچە ئەخلاق خۇداسى ئاھ ئۇرار .
ئاڭا كار قىلماس جازا ھەتتا جازاسى ئاھ ئۇرار .
نەچچە تەگدى ئاجرىدى ئەھدۇ نىكاسى ئاھ ئۇرار .
ئۆزى شۇ ھالدا تۇرۇپ غەيۋىتى - دەسمايىسى

بولدى بەس ئۇيغۇر قىزى ، ئۇيغۇرلۇقۇڭنى ئۇنۇتما .
مىللىتىڭدىن ئۈرىسەڭ يۈز خورلىقىڭنى ئۇنۇتما .
نۇزۇگۇم ئاھ ئۇرمىسۇن مەغرۇرلىقىڭنى ئۇنۇتما .
جەڭدە رىزۋاندەك غەيۇر - باتۇرلىقىڭنى ئۇنۇتما .
غورورى مەقسەت ئۇلارنىڭ ، مىھمىتى دەسمايىسى

 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز