تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەيدىزدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش ئۆزىڭىزگە باغلىق

  ھەر يىلى 1 – دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى. ئەيدىز 1981 – يىلى ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم بايقالغاندىن ھازىرغىچە دۇنيادا 40 مىليوندىن كۆپرەك كىشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.

    ئاپتونوم رايونىمىزدا 1995 – يىلى تۇنجى ئەيدىز ئاغرىقى بايقالغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تېز ئۆرلەپ، مەملىكىتىمىزدىكى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ھەر جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 60 مىڭدىن ئاشقان. ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ %83.2ىنى ئىگىلىگەن.

    ئەيدىزنىڭ شەخس، ئائىلە، جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ۋە ئەكس تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچى كېسەل ئازابىنى تارتقاندىن باشقا ئىقتىسادىي ۋە روھىي بېسىملارغا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش پۈتكۈل جەمئىيەت ۋە ھەربىر كىشىنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسىدۇر.

    تېببىي تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەيدىز قان سۇيۇقلۇقى، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە يۇقۇملانغان ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىق ئۈچ خىل يول ئارقىلىق تارقىلىدىكەن. قان ئارقىلىق يۇقۇملانغان ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئاساسەن زەھەر چەككۈچىلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇلار زەھەر ئۇرىدىغان ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ، ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋالىدىكەن، بەزى خوتۇن – قىزلار زەھەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىپ، باشقا كىشىلەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا يۇقتۇرۇشتىكى كۆۋرۈك بولىدىكەن. قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغۇچىلارنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرىراق بولىدۇ. پاك بولۇش، ئۆزىنى قەدىرلەش، جىنسىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەلنىڭ يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسىي تەدبىردۇر. ئەگەر ئانىنىڭ بۇ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانسا، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ گۇناھسىز، بىغۇبار بالىنىڭ بۇ ئىبلىس كېسەلنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. نۆۋەتتە دۇنيادا 18 ياشتىن تۆۋەن مىليونلىغان بالا ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆلۈم گىردابىدا ئىكەن. ئادەتتە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ياكى يۇقۇملانغاندىن كېيىن قورساق كۆتۈرسە، بۇ ئىبلىس كېسەلنى قورساقتىكى بالىغا يۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى مۇمكىن.

    ئەيدىزنى ساقايتقىلى بولمىغان بىلەن ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى تەدبىر ئۇنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى ئۈزۈۋېتىشتۇر. ھەممەيلەن ئاڭلىق، ئەخلاقلىق بولۇپ، ئەخلاققا مۇخالىپ ئىشلاردىن يىراق تۇرغاندا، ئۆزىمىزنى، ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقان، جەمئىيىتىمىزنى ئويلاپ، ئىنسانىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرغاندا، ئەيدىزنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن ئەلۋەتتە قۇتۇلۇپ قالالايمىز.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز