تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
پۇت يۇيۇش ۋە ساغلاملىق

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

پۇت يۇيۇش تۇرمۇشتىكى دائىملىق تازىلىق ئادىتى.

 ئەمما پۇت يۇيىدىغان سۇغا زەنجىۋىل تۇز ياكى ئاق ئاچچىقسۇغا ئوخشاش تېتىتقۇلارنى قوشۇش ساغلاملىقنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ پۇتنى زەنجىۋىل سۈيىدە يۇيۇپ بەرسە ساغلاملىققا بېرىدىغان مۇنداق پايدىلىرى بارلىقىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس.

زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

سۇغا باش بارماق چوڭلۇقىدىكى زەنجىۋىلنى سېلىپ قايناتقان ياكى قايناق سۇغا سېلىپ بىرئاز تۇرغۇزۇپ، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 40 سېلتسىيە ئەتراپىغا چۈشكەندىن كىيىن پۇتنى چىلاپ يۇيۇپ بەرسە، زۇكام ئېغىرلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چۈنكى پۇتنى مۇشۇنداق يۇيۇش بەدەندىن سوغۇقنى ھەيدەپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغانغا باراۋەر. 

رېماتىزمغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

 رېماتىزىم كېسىلى بارلار كۈندە كەچتە ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە پۇتىنى يېرىم سائەت چىلاپ بەرسە كېسەللىك ئەھۋالىنى يەڭگىللىتىپ ئاغرىققا مەنپەئەت قىلىدۇ، ياغاچ چېلەككە پاقالچاققىچە چىلاپ بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 

پۇت-قول مۇزلاشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

 پۇت قول مۇزلاش بەدەندە قان يۈرۈشمەسلىكنىڭ نەتىجىسى. شۇڭا پۇتنى ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە چىلاپ يۇيۇپ بەرسە، قان ئايلىنىش راۋانلىشىپ پۇت قول مۇزلىمايدىغان بولىدۇ. 

ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.

ئىسسىق زەنجىۋېل سۈيىگە ئازراق قارا ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، پۇتنى يۇيۇپ بەرسە پەللىلەرنى غىدىقلاش مەقسىتىنى ھاسىل قىلىپ، بەدەننىڭ مېتابولىزىمى ياخشىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چارچاش، جىددىيلىشىش بېسىلىپ ئۇيقۇ ياخشىلىنىدۇ. 

بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇن ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيى بەدەنگە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ، بۇنىڭغا يەنە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان ماتېرىياللا قوشۇلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 

قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ. بۆرەك زەئىپلەشسە ئادەم قېرىشقا يۈز تۇتىدۇ.  پۇتنى ئىسسىق زەنجىۋېل سۈيىگە چىلاپ يۇيۇپ بەرسە، قان جانلىنىپ، بۆرەك كۈچلىنىدۇ، قېرىش كېچىكىپ، ئۆمرى ئۇزىرايدۇ. 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز