ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان KGI ئاكسىيەسىنىڭ ئانالىزچىسى مىڭ جىگو (铭纪国) بۈگۈن، كېيىنكى ئەۋلاد 4.7 دىيۇملۇق ۋە 5.5 دىيۇملۇق ئالما يان تېلېفونىنىڭ 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە 4 دىيۇملۇق يان تېلېفون چىقارمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يېڭى بىر ئەۋلاد ئالما يان تېلېفونى iPhone 6S ۋە iPhone 6S Plus نىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بېسىم سەزگۈچ ئېكران بولۇپ، بۇ خىل بېسىم سەزگۈچ كۆرسىتىش تېخنىكىسى ئالما قول سائىتى ۋە Macbook قا ئىشلىتىلگەن. يېڭى بىر ئەۋلاد ئالما يان تېلېفونىغا يەنە 2GB ئىچكى ساقلىغۇچ، A9 بىر تەرەپ قىلغۇچ، 12 مىليون پىكسېللىق كامېرا سەپلەنگەن.