تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئېرىڭىز بولۇشقا يارىمايدىغان يىگىتلەر

 


ئانىسىنىڭ گېپىدىن چىقمايدىغان يىگىتلەر .بۇنداق يىگىتلەر كىچىكىدىن تارتىپ ئانىسىغا يۆلىنىپ ئۆگىنىپ قالغان بولۇپ ، توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى ئانىسىغا يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە سۆزلەيدۇ ؛ 

   پوچى يىگىتلەر . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، بۇنداق يىگىتلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى بولمايدۇ ، ئۆي تۇتۇش ، ئائىلە باشلىقى بولۇش سەنئىتىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ؛ 

   شەخسىيەتچى يىگىتلەر . بۇنداق يىگىتلەر سىزنىڭ نېمە بولۇشىڭىز بىلەن كارى يوق ، پەقەت ئۆزىنىڭ يەيدىغىنى ، كىيىدىغىنى تەييار بولسا ، ھەممە ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولسىلا بولدى ، سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز بىلەن قىلچە ھېسابلاشمايدۇ . 

   كۆڭلى قارا يىگىتلەر . بۇنداق ئادەم قانداق رەزىل ۋاستە قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر ، كۆزلىگىنىگە ئېرىشىشنىلا ئويلايدۇ ؛ 

   ھاراقكەش ، قىمارۋاز يىگىتلەر . ئۆمرۈم خورىمىسۇن دېسىڭىز ، ئەڭ ياخشىسى بۇنداق يىگىتلەردىن بېرى تۇرۇڭ ؛ 

   ئۈجمەكۆڭۈل يىگىتلەر . بۇنداق يىگىتلەرنىڭ قوغلىشىش ئوبيېكتى ئاساسەن چىرايلىق قىزلار بولۇپ ، بىرىگە ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە باشقا بىرىگە ئىنتىلىدۇ ؛ 

   پۇل تېپىشنىلا بىلىپ ، خەجلەشنى بىلمەيدىغان يىگىتلەر . جاپاغا چىداپ پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئەر بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ، لېكىن تېپىشنىلابىلىپ ، خەجلەشنى بىلمىگەن يىگىتلەر تويدىن كېيىن يا ئۆزى خەجلىمەي ، يا خوتۇنىنى خەجلەتمەي چىڭگىزلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ .

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز