تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (24)-ئالدامچىلىققا يول يوق

تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (24)

ئالدامچىلىققا يول يوق


قىش پەسلى، ھاۋا سوغۇق، ئاسېن كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئاشنىسىنى سېغىنىپ، ئۇنى ئىزدەپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاشنىسى بەك چىرايلىق، شۇنداقلا ئاسېنغا بەك رايىش بولۇپ، ئەزەلدىن يولسىز تەلەپ قويۇپ باقمىغان ئىدى.

ئاسېن مەلۇم ئاھاڭنى غىڭشىغاچ، ئاشنىسىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلدى، ئىشىك قۇلۇپلانمىغان ئىدى، ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىپ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىگە چۆچۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئاشنىسى كارىۋاتقا باغلاقلىق ئىدى. ئاشنېسى ئاسېننى كۆرگەندىن كېيىن، بايا بىرسىنىڭ ئۆزىنى بۇلغانلىقىنى ئېيتتى. 

يۈزىنى يۆگىۋالغان بىر قارانىيەت تېلېفون رىمونت قىلىدىغان ئىشچى سىياقىدا ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ ئامانەت پۇل چېكى، زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى پاك-پاكىز ئېلىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى باغلاپ قويۇپ قېچىپ كەتكەن. 

ئاسېن ئاشنىسىنى بىرەر قۇر بەزلىگەندىن كېيىن، ساقچىغا تېلېفون بەرمەكچى بولۇپ ئوچاقتىكى چەينەكتىن ھور چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى ۋە تېلېفوننى قويۇپ «يۈزىنى يۆگىۋالغان ئادەم قاچان كەتتى؟» دېدى.

«بەش سائەت بولدى» دېدى ئاشنىسى. ئاسېن بۇ گەپنى ئاڭلىغان لېكىن كۈلۈپ كېتىپ ئۇنىڭغا:«سەن تېخى مەن بىلەن مۇشۇ ئويۇننى ئويناۋاتامسەن؟ مەن تېخى ساڭا نۇرغۇن پۇل بېرىپ تەسەللىي قىلارمەن دەپ ئويلاپتىمەن، قارىغاندا سەن باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ مېنىڭ پۇلۇمنى ئالداپ ئالماقچى بولۇپسەن، تېز ئېيت، بولمىسا مەن سېنى تۈرمىگە سولىتېۋىتىمەن» دېدى.

ئاسېن نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەيدۇ؟ 


رازۋېدكا ھېكايىلىرى(23)نىڭ جاۋابى:

ئەگەر باشقىلار ئۆلتۈرگەن بولسا قاتىل كۈچەپ تارتقانلىقتىن ئارغامچىنىڭ تۈگۈنچى ئۆلگۈچىنىڭ بوينىنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىدە بولىدۇ، ئۆزى ئۆلۈۋالغان بولسا، كۈچۈنۈش تەكشى بولغانلىقتىن، ئارغامچىنىڭ تۈگۈنى بويۇننىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز