تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
iPhone6 ۋە iWatch كېلەريىلى بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن

 iPhone6 ۋە iWatch كېلەريىلى بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن

 

     ئەلكۈيى تورى ئوغۇز 28-كۈنى خەۋىرى : Piper Jaffaryشىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى Gene Munster مۇشۇ ھەپتىدە ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تىجارەت كىرىمى مۆلچەرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، ئالما شىركىتى ئوغۇزنىڭ 28-كۈنى 2013-يىلى تۆتىنچى پەسىللىك مالىيە كىرىمى ئەھۋالى دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ . Gene Munster ئالمىنىڭ بۇ پەسىللىك كىرىمىنى كىشىنى چۆچۈتىدۇ دەپ قارىغان ھەمدە ئالمىنىڭ پايچىكىنى 640دوللارلىق يۇقىرى قىممەتتە مۆلچەرلىگەن . بۇنىڭدىن باشقا Gene Munster بۇ مۆلچەر دوكلاتىدا يەنە iPhone 6نىڭ كېلەر يىلى يازدا بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن . بىلىشىمىز كېرەككى iPhone 5s ۋە 5c بازارغا چىققىلى تېخى ئارانلا بىر ئايدىن ئاشتى .
   ئۇنىڭ قارىشىچە iPhone 6نىڭ ئېكرانى تېخىمۇ چوڭ بولىدىغان بولۇپ ، بۇ ئۇنىڭ iPhone 5S تىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالىدىكەن . ئۇ يەنە ئالمىنىڭ چوڭ ئىكرانلىق iPhone 6 دىن باشقا يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەت iWatch نى بازارغا سالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ ، ئالمىنى تاقىغىلى بولىدىغان سىفىرلىق ئۈسكۈنە تەتقىق قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىغان . ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەت بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى ئەڭ چوڭ بولۇپ ، ئالمىنىڭ بۇ مەھسۇلاتى باشقا iOS ئۈسكۈنىلىرى بىلەن مۇكەممەل ماسلىشىدىكەن .
  ئەلۋەتتە ئانالىز دىگەن يەنىلا ئانالىز ، چوقۇم توغرا چىقىشى ناتايىن . Munster ئۇدا ئىككى يىل ئالمىنىڭ ناھايىتى تېزلا ئىقتىدارى يۇقىرى چوڭ ئىكرانلىق تېلىۋىزور iTVنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ، بىراق  ئالمىنىڭ ھازىرغىچە بۇ جەھەتتىن شەپىسى يوق . Munster دىن باشقا يەنە «ۋال سىترىت كوچىسى گېزىتى» ، DisplaySearch ۋە باشقا نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ iPhone 6 نىڭ ئېكرانىنىڭ تېخىمۇ چوڭ قىلىپ ئىشلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن .
  بۇ يىل كۈزدە ئالما شىركىتى نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلدى ، بىراق 2014-يىلى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ھەم سەرخىل نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى مۇمكىن . سۆز-چۆچەكلەردىكى چوڭ ئىكرانلىق iPhone 6 ۋە iWatch دىن باشقا يەنە Apple TV نىڭ قاتتىق دىتالى ياكى 13 ديۇملۇق iPad مۇ سىرتقى دۇنيا بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى مۇمكىن

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز