بۈگۈن مىكروسوفت شىركىتى تەرەپ ئۆزىنىڭ يانفون قاتتىق دېتال كەسپىنى قايتا تەشكىللەيدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا شىركەتنىڭ 7800 نەپەر خادىم قىسقارتىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم قىسقارتىلىدىغان خادىملارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يانفون كەسپى بۆلۈملىرىنىڭ خادىملىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
بۇ قېتىملىق قايتا تەشكىللەشنىڭ تەسىرىدە، مىكروسوفت شىركىتى سېتىپ ئۆزىگە قوشۇۋالغان نوكىيا ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەت (NDS) كەسپىنىڭ ئالاقىدار كاپىتالى تەخمىنەن يەتتە مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىسقىراپ كېتىدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىكروسوفت شىركىتى تەرەپ 750 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 780 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە قايتا تەشكىللەش ھەققى سەرپ قىلىدىكەن.
مىكروسوفت Lumia 535 يانفونىغا نەزەر