تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كۇلۇپ چىشىڭىز تۇكۇلۇپ كەتمىسۇن!

كۇلۇپ چىشىڭىز تۇكۇلۇپ كەتمىسۇن!

يۇمۇرلار(چاقچاق)

يالغۇز ئەزەلدىن ئاممىۋىي ئابتۇبۇسقا ئۇلتۇرپ باقمىغان ئىكەن،بىر كۇنى يالغۇز ئابتۇبۇسقا ئۇلتۇرۇپ باقماقچى بۇپتۇ دە بىكەتكە كىلىپ تۇرسا ئابتۇبۇس كەپتۇ،

قارىغۇدەك بۇلسا ھەممە ئادەم 1 كۇيدىن تاشلاپ چىقۋاتقۇدەك،يالغۇز شۇنچە چىرايلىق قىزچاقلار ئۇلتۇرسا 1 كۇي تاشلاپ چۇپەيلىق قىلماي دەپ10 كۇي تاشلاپ قۇيۇپ چىقىپ ئۇلتۇرۇپتۇ،ئابتۇبۇس قۇزغۇلۇپ بىر بىكەت مىڭىپتۇ، يالغۇز قارغۇدەك بۇلسا، بىر خەنزۇ چىقىپ كارتا سۇركەپتىكەن،لاۋرىنكا(ياشانغانلار كارتىسى)

دىگەن ئاۋاز چىقىپتۇ، يەنە بىر ئۇقۇغۇچى چىقىپ سۇركەپتىكەن شۇشىڭكا(ئۇقۇغۇچىلار كارتىسى) دەپ ئاۋاز چىقىپتۇ،يالغۇزنىڭ ئاچچىقى كىلىپ بېرىپ ھەي شۇپۇر دەپتىكەن،

شۇپۇر:ھە

يالغۇز: ما نەرسەڭ باشقىلار 1 پۇڭ تاشلىماي چىقسا ئىسمىنى چاقىردىكەنيۇ، ھەجەپ مەن 10 كۇي تاشلغاندىن كىيىن مىنى ئەخمەت ئاكا دىمەمدۇ دەپتۇ....

 

 

ئىپارنىڭ يۇلدىشىنى ئېزدىشى

ئېپار ئۇيىگە نەچچە كۇن ئۆيگە قايتمىغان يۇلدىشىنىڭ ئىزدەك سۇرىقىنى قىلىش ئۇچۇن ساقچى ئېدارىسىگە كەلدى

يۇلدىشىڭىزنىڭ بۇيى قانچىلىك دەپ سۇرىدى؟ ساقچى باشلىقى ئۇمۇدۇم ئىسلام

_بۇنىڭغا ئەزەلدىن دىققەت قىپ باقماپتىمەن ، بىلمەيمەن دىدى ئېپار

ئۇمۇدۇم ئىسلام:يۇلدىشىڭىز ئۇرۇقمۇ سىمىزمۇ؟

ئېپار:ئانچە ئۇرۇق ئەمەس سەل بەستىلىكئاراق

ئۇمۇدۇم ئىسلام: ئۇنىڭ كۇزىنىڭ رەڭگى قانداق؟

ئېپار: بىلمەيمەن ئۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن

ئۇمۇدۇم ئىسلام:چىچىنىڭ رەڭگىچۇ؟

ئېپار: قارىغۇ دەيمەن

ئۇمۇدۇم ئىسلام:ئۇ قانداق كىيىم كىيگەن ئىدى؟

ئېپار:كاستۇم بۇرلكا كىيدىمۇ ياكى ئادەتىكىدەك كىيدىمۇ تازا ئىسىمدە يۇق

ئۇمۇدۇم ئىسلام: يۇلدىشىڭىز شۇ ۋاقتىدا بىرەرسى بىلەن بىللە ئىدىمۇ؟

ئېپار:شۇنداق، ئۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك مۈشۈكۈم بىلەن بىللە ئىدى. مۈشۈكۈمنىڭ بوينىدا ئالتۇن رەڭلىك زەنجىر بار، كۆك كۆز، قارا قوڭۇر رەڭلىك ئوماق مۈشۈك ئىدى. ھە، راست! ئۇنىڭ سول پۇتىنىڭ چوڭ بارمىقىنىڭ تىرنىقى ئازراق سۇنۇپ كەتكەن، ئۇ ئەزەلدىن قالايمىقان مىياڭلىمايتتى. ئۇنىڭغا تېخى ئالتۇن رەڭلىك بەلباغ تاقاپ قويغانىدىم. بىز ئادەتتە دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يەيتتۇق، بىللە يۈگۈرۈپ بەدەن چىنىقتۇراتتۇق...

ئېپار مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يىغلاپ كەتتى...

ئۇمۇدۇم ئىسلام:بۇلدى سەۋىر قىلىڭ ئەمسە بىز ئاۋال سىزنىڭ شۇ مۇشۇكىڭىزنى ئىزدەپ باقايلى دىدى ساقچى باشلىقى.

 

 

بىركۈنى جۇباجى بازاردا كىتىۋاتسا كىشىلەر ئۇنى <<سىز بەك كىلىشكەنكەنسىز،
ھەم بەك چىرايلىقكەنسىز>>دەپ ماختاپتۇ.
باجىنىڭ ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەي قايتىپ كىلىپ ئۇستازىغا بۇئەھۋالنى سۆزلەپ بىرىپتۇ.
ئۇستازى - سىنى كىشىلەر راستىنلا ماختىدىمۇ؟-دەپتۇ.
باجى-شۇنداق ئۇستاز ،بولۇپمۇ قىزلار بەك ماختاپ كەتتى --دىسە ،ئۇستازى كۈلۈپ كىتىپ:
ئۇنداقتا سىنى ماختىغان كىشىلەر چۇقۇم ‹‹ئەمۋاي ››شىركىتىنىڭ مال ساتقۇچىللىرى ئىكەن.-دەپتۇ.

 

 

بىر نامرات بوۋاي بىلەن باي بوۋاي بىللە بىلىق تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ.باي بوۋاي ھېچ چۈشەنمەي سوراپتۇ ؛
-مىنىڭ ئىشلەتكىنىم داڭلىق ماركىلىق قارماق تۇرسا نېمە دەپ مەن بېلىق تۇتالمايمەن ؟
نامرات بۇۋاي ئۇنىڭغا قاراپ ؛
-چۈنكى ،بۇ دەريادا داڭلىق ماركىلىق بېلىق يوقتە.،-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .


ئۈنچە -مەرۋايىت دۇكىنىدىن نەرسە سېتىۋالغان نۇسرەت پۇل تاپشۇرىۋاتقاندا مال ساتقۇچى سايىبجامال ھەيران بولۇپ مۇنداق دەپتۇ ؛
-خانىم بۇ پۇل نېمانچە ھۆل
نۇسرەت:كەچرۈڭ ، يولدىشىم بۇ پۇللارنى ماڭا بەرگەندە شۇنداق يىغلاپ كەتكەنىدى ،- دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ

 

 

 

ئەزەلىدىن بۆلجۈرگەننى كۆرۇپ باقمىغان قەدىريە ئابلەت باشقا يۇرۇتقا بىرىپ ، تۇنجى قېتىم بۆلجۈرگەننى يەپ كۆرگەندىن كىيىن كۆرەڭلىك بىلەن دەپتۇ :
-تەمى بەتتامكەن ، ھەتتا دانىسىمۇ بىزنىڭ يۇرتنىڭىكىدىن كىچىككەن . -سىلەرنىڭ يۇرتتا بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق !

-بار ، بار ! بۆلجۈرگەن مەي بولۇپ پىشقاندا بالىلار دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ تازا مەززە قىلىپ يەيدۇ - دەڭا !

 

 

ساقچى باشلىقى تۆت ساقىچىنى ئالدىغا چاقىرىپ كايىپتۇ .
-ھەممىنىڭ نان قېپى ، تۆت ئادەم بىر جىنايەتچىنى تۇتالماي ...

دوكلات باشلىق ، بىز ئۇنى تۇتالمىغىنىمىز بىلەن . بارماق ئىزنى ئېلىۋالدۇق .
-قېنى بارماق ئىزى
- ھەممىمىزنىڭ يۈزىدە ....

 

لەڭمەن بىلەن چۆچۈرە گەپ تەگىشىپ سوقۇشۇپ قاپتۇ.
لەڭمەن چۆچۈرىنى تاراسلىتىپ ئۇرۇپ ھېچ ھالىنى قويماپتۇ.بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان چۆچۈرە دۆڭكۆۋرۈكتىن يڭغلىغان پېتى كونسۇل كوچىسىدىكى سامسىخانىغا بېرىپ ھالىنى ئېيتىپتۇ.سامسا غەزەپكە كېلىپ،چۆچۈرىنى ئالدىغا سېلىپ مېڭىپتۇ.يولدا تەييار چۆپ ئۇچراپ قالغانىكەن،سامسا ئۇنى ئۇرۇپ كېتىپتۇ.
-ئۇكاڭنى ئۇرغان مەن ئەمەس،__دەپتۇ تەييار چۆپ،خاتا تونۇپ قاپسەن.
سامسا تېخىمۇ غەزەپلىنىپ:
-مەن سەنلەرنى بىلمەمدىم،چېچىڭنى بۈدۈر قىلىۋالساڭمۇ تونۇيمەن

بىر كۇنى شاھزادە( بازغان) مۇھەببىتى بىلەن تاماق يىگىلى بىرىپتۇ، تاماقنى بۇيرۇتۇپ بۇلۇپ شاھزادە(بازغان) پۇرتمالىنى ۇنتۇپ قالغانلىقى يادىغا كىلىپ مىڭ تەستە مۇھەبىتىگە،مەن ..مەن..مەن دىيىشىگە قىز دۇستى قىزارغان ھالدا (ساراڭ) بۇرۇنئاراق دىمەي (مەنمۇ سىزنى ياخشى كۇرىمەن) دەپتۇ

 

مۇسلىمە(بۇدەك) يەڭگە سىز دەپ بىقىڭە لايىق تاللىغاندا ئاپىسى يۇقنى تاللايمۇ ياكى يەڭگىسى يۇقنىمۇ؟

ئەڭ ياخشىسى سىڭلىسى يۇقنى تاللاڭ دەپتۇ يەڭگىسى

 

ئۇكاش دۇختۇرخانىدا ئاغرىپ ياتقان مەزگىلدە سىستىرا مۇسلىمەنىڭ ئۇكۇل سىلىشىدن ئاغرىنىپ قاپتۇ،

چۇشتىن كىيىن مۇسلىمە ياتاققا تەكشۇرۇشكە كىرىپ ئۇكاشقا قاراپ تازا كۇلۇپ كىتىپتۇ،ھەم( ئۇكام كۇزەينەكنى نىم تەتۇر كىيۋالدىڭىز) دەپتۇ سېستىرا مۇسلىمە

ئۇكاش: ئۇكۇلنى ئەتىگەندىكىدەك قۇپال سالسىڭىز ھىلىغۇ كۇينەك تۇرسۇن ئىشتاننىمۇ تەتۇر كىيۋالدىغان ئۇخشايمەن

 

گۇزەلنۇر دۇستى پەزىيلە بىلەن بازاردىن يىڭى ئاياق سىتۋاپتۇ، ئەمما كەيمەپتۇ، پەزىلىيە نىمىشقا يىڭى ئايىغىنى كىيمىگەنلىكىنى سۇرىسا گۇزەلنۇر بۇ ئاياقنى ساتقان ئادەم ،يېڭى ئاياغ دەسلەپتە بىر مەزگىل پۇتنى قىستايدۇ دىگەنتىغۇ، شۇڭا بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈپ كىيەي دەيمەن دەپتۇ.

 


مەنبە:خاتىرەمگە ساقلىۋالغىنىم

كونا مەھبۇس يېڭى مەھبۇسىتىن سوراپتۇ :
 
- سەن نېمە سەۋەبتىن كىرىپ قالىدىڭ ؟
 
-ئىچىم سىقىلىپ ، دەرىزىنى ئېچىۋەتكەن ئىدىم .
 
-دەرىزىنى ئېچىش قانۇنىغا خىلاپ بولامىدىكىن !
سەن زادى نېمە ئىش قىلاتتتىڭ؟
 
-سۇ ئاستى پاراخۇتىدا ئىشلەيتتىم

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز