شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن– تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى نۆۋەتتە ئاپتونۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە تەرەققىيات ئەڭ تېز بولۇۋاتقان، ئىچىملىك تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان مىللى كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى ، باج ئىدارىسى ، سەھىيە ۋە مىللەت – دىن ئىشلىرى كومتېتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى ۋە تەستقلىشى بىلەن 2006- يىلى 12- ئايدا مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بولۇپ تىزىملاتقان ئەمەلى مەبلىغى 500مىڭ يۈئەن .
شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن– تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزى بولغان جەنۇبى ئازاتلىق يولىغا يەنى شىنجاڭ خەلىقئارا چوڭ بازىرىغا قوشنا بولغان جىلىي ئاستانە بىناسىغا جايلاشقان . شېركەت قۇرۇلغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىپ ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەپ ‹‹ئابىدە ›› ماندارىن ماڭگو قۇۋەت ئىچىملىكى ،«ئابىدە›› ماركىلىق يۈرۈشلۈك مېۋە شەربەتلىرى ، ‹‹ئابىدە ››ھىرخىل مىۋە تەملىك ئىچىملىكلىرى، ‹‹ئابىدە ››ۋېتامىنلىق قۇۋۋەت ئىچىملىكى ، ‹‹ئابىدە ››ئابىبۇلاق كولاسى ۋە ‹‹ئادىشىم ›› ماركىلىق بالىلار سۈت ۋە مىۋە تەملىك يۈرۈشلۈك ئىچىملىكلىرى قاتارلىق 30 خىلدىن كوپرەك ئىچىملىك تۈرىنى تەتقىق قىلىپ بازارغا سالدى. شېركەت يەنە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەلا سۈپىتى بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ۋە شىركەتنىڭ نام – ئابرويىنى نامايەن قىلىپ شىنجاڭ بازىرىدىلا ئۆزىگە خاس ئورون تۇتۇپلا قالماستىن يەنە تەرەققىيات ۋە بازار ئېچىشنى جانلاندۇرۇپ گۇاڭجۇ، جېجىياڭ ۋە بېيجىڭ قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چوڭ شەھەرلەردىمۇ سېتىش تور نوقتىلىرىنى قۇردى. مەزكۇر شېركەتتە ھازىر 50كە يېقىن ئىشچى – خىزمەتچى بولۇپ مۇتلەق كوپ قىسمى تولۇق كورۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇپ شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇيۇلتاشتەك زىچ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلماقتا.
شېركەت يەنە 2007- يىلى 6- ئايدا جۇڭگۇ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ‹‹ئۈرۈمچى ئىسلام دىنى جەمىئىيىتىگە ئازا ئورۇن ›› دىگەن نامغا ، 2007- يىلى 8- ئايدا جۇڭگۇ تاۋار ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئارقىلىق ‹‹ جۇڭگۇنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتى ›› ، ‹‹ يۇقىرى ئۆلچەم ، يۇقۇرى سۈپەتلىك ئەلا مەھسۇلاتى ›› ، ‹‹ جۇڭگۇنىڭ نوقتىلىق كېڭەيتىلگەن مەھسۇلاتى ›› دىگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى . شېركەتنىڭ پەخىرلىك مەھسۇلاتى بولغان ‹‹ ئابىدە ›› ماندارىن ماڭگو قۇۋۋەت ئىچىملىكى جۇڭگۇ ئەقلى مۈلۈك پاتتىنىت ئىدارىسى تەرىپىدىن ‹‹ مەھسۇلات سىرتقى ئورالما قېپى پاتتىنىت گۇۋاھنامىسى ›› غا ئېرىشىتى . 2007- يىلى 9- ئايدا بۇشېركەت يەنە ‹‹ جۇڭگۇنىڭAA دەرىجىلىك ئىشەنچلىك كارخانىسى ›› نامىغا ئېرىشىپ ئۆزىنىڭ شۆھرىتىنى نايان قىلدى. شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن– تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغان قىسقىغىنە نەچچە يىل ئىچىدە ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ،تىرىشىپ، يېڭىلىق يارىتىپ ، تەتقىقات ۋە سۈپەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئالغا ئىلگىرلەپ، ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى . شۇنداقلا دىيارىمىز ئىچىملىك ساھەسىدە داڭلىق ماركا يارىتىش ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالدى .
ئالاقىلاشقۇچى: ئۇيۇلقاسىم ئەپەندى
تىلفۇن: 0991-2878787
فاكىس :0991-2878787
تور ئادىرسى: www.xjabida.com
Email: xjabida@xjabida.com
ئادىرسى :ئۈرۈمچى شەھەر جەنۇبىي ئازاتلىق يولى 318- نومۇر
زاۋۇت ئادىرىسى : خوتەن شەھەر جېجىياڭ سانائەت رايۇنىىدا