تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تىل-ئەدەبىياتنى ئۆزىگە قايتۇرۇش ـــــ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ چىقىش يولى

تىل-ئەدەبىياتنى ئۆزىگە  قايتۇرۇش ـــــ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ چىقىش يولى

 

روزىمۇھەممەد ياقۇپ

(لوپ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى  ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)

 

 

       كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئۆزىدىكى خاس خۇسۇسىيەتلەردىن مەھرۇم قىلىنىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى نېگىزلىك سەۋەب. نۆۋەتتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان شارائىتتا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنى تىل-ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن  تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى ئۆزىگە قايتۇرۇش كېرەك. تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى ئۆزىگە قايتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە يەنىلا تىل-ئەدەبىياتنىڭ  ئۆزىگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇنىڭدا ئەسلىدىن بار بولغان خاراكتېر، خۇسۇسىيەتلەر ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل ئىككى.


                 بىرىنچى ئامىل: ئەدەبىي مۇھىت يارىتىش


           تىپىك مۇھىت ئىچىدە، تىپىك قەھرىمان ئوبرازى يارىتىش تىل-ئەدەبىياتنىڭ تۈپكى ۇسۇسىيتى.خۇخۇسۇسىيىتى. مۇھىت قەھرىماننى يارىتىدۇ. قەھرىمان مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. مۇھىت قەھرىماننىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ. بۇنى مىسال ئارقىلىق يورۇتساق: ئوت كەتمىسە،ئوت ئۆچۈرگۈچى مەيدانغا كەلمەيدۇ. ئوت ئۆچۈرۈش جەريانى قەھرىماننى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. يەنە زوراۋانلىق بولمىسا، پىداكارلار مەيدانغا كەلمەيدۇ. قارا نىيەتلەر بىلەن ئېلىشىش جەريانى پىداكارنى يارىتىدۇ. بۇ مىسال بىزگە ئادەمنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىنىڭ مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا مۇئەييەن سورۇن ۋە  شارائىت بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

           ئەمدى ئەدەبىياتنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى  ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلىساق، ئوقۇتقۇچى مەيدانغا كەلتۈرمەكچى بولغان باش قەھرىمان دەل ئوقۇغۇچىدىن ئىبارەت. تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئوقۇغۇچىلارنى تىل-ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقتۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئەدەبىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىمەن دەيدىكەن چوقۇم مۇئەييەن ئەدەبىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك. بۇ يەردە دېمەكچى بولغان ئەدەبىي مۇھىت : تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى مەركەز قىلغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات قىزغىنلىقى ۋە ھەۋىسىنى ئۇرغۇتۇشقا ياردەم بېرىدىغان، ئەدەبىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە تۈرتكە بولىدىغان تۈرلۈك ئىچكى-تاشقى ئامىللارنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىي مۇھىتى بولمىغان ئوقۇتۇشتىن تىل-ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى، ئەدەبىي قابىلىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى كۈتكىلى بولمايدۇ.


ئىككىنچى ئامىل: تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ھەقىقىي تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلىنىش ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇش


        تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئارقىلىق يولغا قويۇلىدۇ. شۇڭا، ئەدەبىي مۇھىت ياراتقۇچى باشقا بىرسى ئەمەس،دەل تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىدۇر. ھازىرقى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئەدەبىي مۇھىتنىڭ كەمچىل بولۇشىنى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ يەنە كېلىپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئەدەبىي خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولماسلىقىنى بەلگىلىگەن.

         بۇ ئىككى ئامىل زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەدەبىي مۇھىت ياراملىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەدەبىي مۇھىت يارىتالايدۇ. ئەكسىچە ياراملىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولمىسا تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. شۇڭا، بۇ ئىككىسى بىرگەۋدىگە ئايلانغاندىلا ئاندىن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى ئۆزىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ.

      ئەدەبىي مۇھىت ماھىيەتتە تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك: گۈزەل، پاساھەتلىك، ئوبرازلىق تىل ۋاسىتىسى بىلەن پېرسوناژلار، ئىش- ۋەقەلەر، مەنزىرىلەرنى بايان قىلىپ ۋە تەسۋىرلەپ، كونكرېت ئوبراز يارىتىش، پېرسوناژلارنىڭ كونكرېت  ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق تۇرمۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش، ھېسسىياتنى ئىپادىلەش، ھېسسىيات ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئىدىيە، ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىش... قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.

      بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان نۇقتا تۆت: (1)كونكرېت بولۇش؛ (2)ئېنىق بولۇش، يەنى تەسۋىرلىنىۋاتقان ئوبيېكتنى ئېنىق كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدىغان بولۇش؛ (3)جەلپ قىلارلىق، قىزىقارلىق، تەسىرلىك بولۇش. يەنى كىشىلەرنى يا كۈلدۈرۈش، ياكى يىغلىتىش، ياكى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇش؛ (4) ئىدىيەنى قايىل ۋە مايىل قىلىش.

بۇلاردىن ئالدىنقى ئۈچ شەرت بولمىسا قايىل ۋە مايىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

       ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ھەپتىسىگە ئۆتۈلىدىغان تۆت-بەش سائەتلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. شۇڭا، بىرتەرەپتىن فارابىدەك كەسپىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش كېرەك. ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى خەلىلكان ئۇلۇغ ئالىم فارابىنىڭ مۇزىكا ساھەسىدىكى كامالىتىنى تەرىپلەپ مۇنداق يازىدۇ: « فارابى بىر ئولتۇرۇشتا ساز چېلىپ، ئولتۇرغانلارنى ئاۋۋال كۈلدۈرگەن، كېيىن يىغلاتقان، كېيىن ھەممىسىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، ئولتۇرۇشتىن چىقىپ كەتكەن». مانا بۇ،  كەسپىي  ساپا. تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىدا مانا شۇنداق ئىقتىدار بولۇشى كېرەك.

        يەنە بىرتەرەپتىن، ئوقۇتقۇچى پەقەت ئۆزىنىڭ قىزغىن ھېسسىياتى ، ئەدەبىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان تىلى ۋە ئىجتىمائىي رولى ئارقىلىق ئەدەبىي مۇھىت يارىتالايدۇ. شۇڭا، يۇقىرى ئەدەبىي ساپا يېتىلدۈرۈش ئاساسىدا كەسىپكە ئىشتىياق باغلىشى، بۇ يولدا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە بولۇشى، ئەدەبىي مۇھىت يارىتىشنىڭ تۈرلۈك  يوللىرىنى ئېچىشى كېرەك. بۇ،  مۇشۇ پەننىڭ ھىمايەتچىسى بولغان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى.

تىل-ئەدەبىياتنى ئۆزىگە قايتۇرۇشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى جەھەتتە تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.


1. ھېسسىيات ئارقىلىق ئەدەبىي مۇھىت يارىتىش


       تىل-ئەدەبىيات تىل سەنئىتى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ھېسسىيات سەنئىتى. ئۇنىڭ مۇھىم رولىمۇ ھېسسىيات ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈش، بىلىندۈرمەي ئىدىيەگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە تەربىيەلەشتىن ئىبارەت.

ھېسسىيات ئادەمنىڭ ئەڭ نازۇك ھېس-تۇيغۇسى. بارلىق قىزىقىش ھېسسىياتتىن باشلىنىدۇ. شۇڭا، ھېسسىيات قىزىقىشنىڭ  مۇقەددىمىسى ۋە ئانىسى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشنى قوزغاشتا ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ھېسسىيات ئىشىكىنى قېقىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن:

        1) كۈلكە قوزغىتىش. كۈلكە كۆڭۈلگە ئازادىلىق، خاتىرجەملىك بەخش  ئېتىدۇ. ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى پاسىلنى  بۇزۇپ تاشلاپ،كەيپىياتنى تەڭشەپ، پىكىر قىلىشقا يول ئاچىدۇ. جاھاندا كۈلكىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن  تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى  قىزىقارلىق پاراڭ، لەتىپە- چاقچاق ، ھەجۋىي ھېكايە ياكى شېئىر، يۇمۇر قاتارلىقلار بىلەن كۈلكە پەيدا قىلىشقا ماھىر بولۇشى، مۇۋاپىق پەيتتە ئوقۇغۇچىلارنى كۈلدۈرەلىشى كېرەك. بىرەر سائەتتە بىرەر قېتىم كۈلكە قوزغىيالمىغان، كۈلدۈرەلمىگەن، كۈلمىگەن دەرسنى تىل-ئەدەبىيات دەرسى دېگىلىمۇ بولمايدۇ.

        2) ھاياجانغا سېلىش. ھاياجانلىنىش روھنى ئۇرغۇتۇپ، كەيپىياتنى جانلاندۇرۇپ، تەپەككۇرنى ئۇرغۇتۇشقا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قىزغىنلىقىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان  مۇھىم پسىخىك ھالەت. بىردەملىك ھاياجانلىنىش تەنتەربىيە دەرسىدە ئاۋۋال بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتى ئىشلىگەنگە تەڭ بولۇپ ، ئۇ پۈتۈن بىر سائەتلىك دەرستە كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا ئاسان ھاياجانلىنىپ، ئاسان يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش، ئاسان سوۋۇپ، ئاسان پەسىيىشتەك دولقۇنسىمان ھالەت ئۈزلۈكسىز دەۋر قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى لىرىك شېئىر، لىرىك نەسر ياكى لىرىك ھېسسىياتقا تولغان تەسۋىرىي پارچە قاتارلىقلارنى كوللېكتىپ دېكلاماتسىيە قىلدۇرۇش، شوخ مۇزىكىلارنى قويۇش، ئۇسۇل ئوينىتىش، ئىتوت ئورۇنداش، بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ياخشى ئىش- پائالىيەتلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ماختاش ياكى ماختىتىش قاتارلىقلار شەكىللەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى  ھاياجانلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

      3) تەسىرلەندۈرۈش. تەسىرلەندۈرۈش ئىدىيەنى چالغىتىپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئېنىق بولغان مۇھەببەت- نەپرەت، سۆيۈنۈش ياكى يىرگىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىشقا، ئۇلارنى تەربىيەلەشكە ياردەم بېرىدىغان پسىخىك كەيپىيات.

تەسىرلەندۈرۈشنىڭ يىلتىزى «ھاياجانلىنىش»بولۇپ، ھاياجانلىنىش بىلەن تەسىرلەندۈرۈش بۇ جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما رولى جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. ئالدىنقىسىدا ئوقۇغۇچىلاردا خۇشاللىق، سۆيۈنۈش كەيپىياتى يارىتىش چىقىش قىلىنسا، تەسىرلەندۈرۈشتە قايغۇ، ئېچىنىش ۋە ھېسداشلىق ياكى غەزەپ -نەپرەت، ئۆچمەنلىك كەيپىياتى يارىتىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردە كىشىنى چوڭقۇر ئازاب، ئېچىنىشقا سالىدىغان كەچۈرمىش، تەقدىر، پاجىئەلەرمۇ يېزىلغان بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ باغرىنى ئېزىش گەرچە مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنداق نۇقتىلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتەلمەيمىز ھەم خالىي بولالمايمىز. چۈنكى، تىل-ئەدەبىيات تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈشتە ئۆزى ياكى باشقىلارنىڭ تەسىرلىك كەچۈرمىشى، سەرگۈزەشتىسى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشىدىكى تەسىرلىك ئىش، ۋەقەلەرنى تاللاپ سۆزلەش ياكى سۆزلىتىش، كىشىنى يىغلاتقۇدەك ئېچىنىش، ھېسداشلىق ياكى غەزەپ -نەپرەت پەيدا قىلغۇدەك تراگېدىيەلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەش ياكى سۆزلىتىش، تۇرمۇش ياكى جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن تەسىرلىك ئىش، ۋەقەلەرنى سۆزلەش ياكى سۆزلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەسىرلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

            4) ھۇزۇرلاندۇرۇش. ھۇزۇرلىنىش كۆڭۈلدە مەمنۇنلۇق، رازىمەنلىك، سۆيۈنۈش، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان پسىخىك ھالەت. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەللىكنى ھېس قىلىشىغا، ئۇنىڭدىن زوقلىنىشىغا، ھەق بىلەن ناھەقنى،گۈزەللىك بىلەن سەتلىكنى، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىقنى پەرق ئېتىش ھەم تونۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى بىر پۈتۈنلۈككە دىققەت قىلغان ئاساستا ئىپادىلىك، تەسىرلىك، يېقىملىق ئوقۇش ، ھېكايىلەردە تەسۋىرلەنگەن باش قەھرىماننىڭ غەلىبىسى، سەلبىي، رەزىل كۈچلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ، جەمئىيەتتىكى بىرەر تىپىك شەخسلەر، ئالىملار، قەھرىمانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى سۆزلەش، بىرەر ئوڭۇشسىزلىقنىڭ ئوڭۇشلۇققا ئايلىنىش جەريانىنى بايان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن  ھۇزۇرلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

         5) تەسەۋۋۇر قوزغىتىش. تەسەۋۋۇر ئادەمنى خىيالىي تۇيغۇغا ئىگە قىلىدىغان، ئاشۇ تۇيغۇ ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرىدىغان، كۆڭۈلگە ئازادىلىك، بوشلۇق تۇيغۇسى بەخش ئېتىدىغان،ئەركىن پىكىر قىلىشقا يول ئاچىدىغان،ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىشىگە ياردەم بېرىدىغان پسىخىك ھالەت.ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ يىلتىزى تۇرمۇش بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر تەرىپى تەسەۋۋۇر. ئەگەر تەسەۋۋۇر بولمىغان بولسا، «چوردۇن بوۋاي»(چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ«ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش» ھېكايىسىدىكى ئوبراز) ئۇ دۇنياغا كەتكەن ئوغلى بىلەن خىيالىي تۇيغۇدا يۈز كۆرۈشەلمىگەن، «دانكو» (ماكسىم گوركىينىڭ «دانكو»ھېكايىسىدىكى ئوبراز) كۆكسىدىن يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، مەشئەل قىلىپ ياندۇرۇپ، قاراڭغۇ ئورماندا قاپسىلىپ قالغان خەلقنى نىجادلىق يولىغا باشلاپ چىقالمىغان، ۋەتەن ئىشقىدا پۇچۇلىنىپ يۈرگەن «تىلەك ئەپەندى»(مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «خاسىيەتلىك قار» پوۋېستىدىكى ئوبراز) چۈشىدە يول چىڭداش ماشىنىسىنىڭ ئاستىدا مىجىلىپ، قەغەزگە ئايلىنىپ، بالىلارنىڭ ئۇنى سويۇپ ئېلىپ، لەگلەك ياسىشى بىلەن، لەگلەك بولۇپ ئۇچۇپ بېرىپ ۋەتىنىنى كۆرەلمىگەن بولاتتى. تەسەۋۋۇر بولمىغان بولسا، قەدىمكى ئىنسانلار چۆچەكلەردە «ئۇچار گىلەم» ،«ئۇچار ئات»لارنى ئاسماندا ئۇچۇرمىغان، بۈگۈنكە ئادەملەر بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، ئايروپىلان ، سۈنئىي ھەمرالارنى كەشىپ قىلمىغان، «ئۇر توقماق»نى تەسەۋۋۇر قىلمىغان بولسا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلا ياسالمىغان بۇلار ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تەسەۋۋۇرنىڭ كۈچى ۋە قۇدرىتى. ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭمۇ كىشىنى جەلپ قىلالىشى، ئويلىنىشقا، تەپەككۇر قىلىشقا تەسىركۆرسىتەلىشى، گۈزەللىك، غايە ۋە قەھرىمانلىق روھ ئاتا قىلالىشى، ئۇنىڭ تۇرمۇشتىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇندا تۇرالىشى تەسەۋۋۇرنىڭ بولغانلىقىدا. تەسەۋۋۇر بولمىسا ئەدەبىي ئەسەر قىممىتى يوق، تېتىقسىز بىر نەرسە بولۇپ قالغان بولاتتى. ئوقۇتقۇچى ئەدەبىي ئەسەرنى ئوقۇتۇشتا مانا شۇنداق تەسەۋۋۇر نۇقتىلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. ئوقۇغۇچىلارنى تەسەۋۋۇر قىلدۇرۇشتا  تەبىئەت تەسۋىرلەنگەن تەسۋىرىي پارچىلارنى ئوقۇپ تەبىئەتنىڭ ئۆزىنى خىيال قىلدۇرۇش، گۈزەل مەنزىرە رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ تەبىئەتتىكى ئەسلى مەنزىرىلەرنى، يەنە رەسىمدە ئەكس ئەتمىگەن، ئەمما شۇ تەبىئەت مەنزىرىسىدە بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان باشقا شەيئى ۋە ئەھۋاللارنى تەسەۋۋۇر قىلدۇرۇش، رومانتىك، فانتازىيەلىك ئەسەر ياكى پارچىلارنى ئوقۇش ياكى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق مۇشۇنىڭغا يانداشقان باشقا خىيالىي كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتلەرنى تەسەۋۋۇر قىلدۇرۇش، ھېكايىلەرنىڭ يېشىمنى سۆزلەپ بېرىپ، زىددىيەتنىڭ سەۋەبى، جەريانىنى ئويلاندۇرۇش، سەۋەبنى سۆزلەپ بېرىپ، نەتىجىسىنى، شۇنداقلا ھېكايىدە مەۋجۇت بولمىغان باشقا ھەل قىلىش يوللىرىنى ئويلاندۇرۇش، پېرسوناژلارنىڭ تەقدىرى، ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى باشقىچە ئاخىرلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئويلاندۇرۇش... قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەسەۋۋۇر قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. مەسىلەن:

      ئىلگىرىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدە «بوغدا كۆلىدە كۈز»دېگەن بىر پارچە رەسىم بېرىلگەن. رەسىمدە ئەكس ئېتىدىغان  ئارقا كۆرۈنۈش تاغ، ئوتتۇرا كۆرۈنۈش تاغ باغرىغا جايلاشقان بوغدا كۆلى، كۆلدىكى بېلىقچىلار، ئالدى كۆرۈنۈشى گۈل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مەنزىرە رەسىمنى تەسۋىر ماقالىسى قىلىپ يېزىشتا رەسىمدىكى ئۈچ-تۆتلا شەيئى ۋە تىنىق، جىمجىت ھالەتنىڭ ئۆزىنىلا يېزىپ قويۇشقا بولمايدۇ. شۇڭا، تاغنى يازغاندا ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى تاغ ئارىسىغا قويۇپ، تاغنىڭ سالقىن ھاۋاسى، قار قاپلاپ تۇرغان يان باغرى، يان باغىرلاردا ئوتلاۋاتقان چارۋىلارنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. كۆلنى تەسۋىرلىگەندە  سۇنىڭ دولقۇنلىشىدىن ھاسىل بولغان ساپ ھاۋا، سۇنىڭ سوغۇقلۇقى، سۇدا ئۈزۈۋاتقان بېلىقلار، بېلىقچىلارنىڭ چۇقانلىرى، سۇ يۈزىدە ئەكس ئېتىپ تۇرغان ئاسمان ۋە تاغلارنىڭ ئەكسى قاتارلىقلارنى، گۈللەرنى يازغاندا گۈللەرنىڭ خۇشپۇراقلىرى، گۈل ئارىلاپ ئۇچۇپ يۈرگەن ئەمگەكچى ھەسەل ھەرىلىرى، كېپىنەكلەر،گۈللەرنىڭ شاماللاردا لەرزان تەۋرىنىپ تۇرۇشى، يۇقىرىقى گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ ئاپتوردا پەيدا قىلغان ھېس-تۇيغۇسى ...قاتارلىق جانلىق ھالەتلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 

      قىسقىسى، تەسەۋۋۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويلاش، پىكىر قىلىشىغا يول ئېچىپ قالماي، ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقى، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان شۇ مۇھىت ۋە رېئاللىقتىن  باشقا بىر  خىيالىي دۇنياغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى گۈزەل ئارمانلارغا ئىگە قىلىش بىلەن  زېرىكىش تۇيغۇسىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

ئومۇمەن، ھېسسىيات ئارقىلىق ئەدەبىي مۇھىت يارىتىش تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇ ماھىيەتتە تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىرتەرىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تىل-ئەدەبىياتنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلغاندا تىل-ئەدەبىياتنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇپ،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىغا تۇيدۇرماي، تەدرىجىي تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى تىل-ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقتۇرغىلى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيە-ھېسسىيات جەھەتتىن تەربىيەلەش، يېزىقچىلىق ئىلھامى ۋە ھەۋىسىنى قوزغىتىشقا يول ئاچقىلى بولىدۇ.


                        2. تىل ئارقىلىق ئەدەبىي مۇھىت يارىتىش


           تىل-ئەدەبىيات ـــ تىل سەنئىتى. شۇڭا، ئۇنىڭ مۇھىم قۇرالى ــــ تىل. ئاپتور تىل ئارقىلىق ۋەقەلەرنى بايان قىلىدۇ، پېرسوناژلارنى سۈرەتلەيدۇ، ھېسسىياتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، تىل بولمىسا تىل-ئەدەبىياتمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. گەرچە باشقا پەنلەرمۇ تىلدىن ئايرىلالمىسىمۇ، ئەمما تىل-ئەدەبىياتتىكى تىل ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.

            تىل-ئەدەبىياتتىكى تىل ھەم ئەدەبىي تىل ھەم ئەدەبىي ئەسەر تىلىدىن ئىبارەت. شۇڭا، ئۇ باشقا پەن تىلىغا ئوخشىمايدىغان ئوبرازلىق، ھېس تۇيغۇغا باي بولۇشتەك سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭدا ئوبراز يارىتىشتا، تۇرمۇشنى رەڭدار، سەنئەتلىك رەۋىشتە ئەكس ئەتتۈرۈشتە، ھېسسىياتنى ئىنچىكە ئىپادىلەشتە تىلنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىك خۇسۇسىيىتىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ھەتتا مۇبالىغە قىلىشقا، شەيئىلەرنى ئادەتتىكىدىن ئاشۇرۇپ، سەت ۋە بەت - بەشىرە قىلىپ كۆرسىتىشكە، سەت نەرسىلەرنى گۈزەل قىلىپ تەسۋىرلەشكە، قىسقىسى، ئىدىيەۋى ھېسسىياتنى ئىپادىلەشتە توقۇلمىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. بۇلار ئەدەبىي تىلنىڭ باشقا پەن تىلىدىن پەرقلىنىدىغان مۇھىم ئالاھىدىلىكى. ئەمما باشقا پەنلەردە مۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ.

           مۇنداق سەنئەتلىك پەننى ئوقۇتۇشتا ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچى تىلنى سەنئەتلىك ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى ھەم تىلنىڭ سەنئىتىنى نامايان قىلىشى، تىل ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈشنى، كۈلدۈرۈشنى، ھەتتا يىغلىتىشنى بىلىشى، ئۇنىڭ  تىلى بېرىپلا يۈرەككە قادىلىدىغان ئۆتكۈرلۈككە، ئاسانلا باشقىلارنى ئۆزىگە تارتىدىغان جەلپكارلىققا ، ئاسانلا غىدىقلايدىغان قىزىقارلىق خۇسۇسىيەتكە، ئاسانلا ئىنكاس پەيدا قىلىدىغان تەسىرچانلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:

         1) مول سۆز بايلىقىغا ئىگە بولۇش

         تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئىپادىلەش ۋاسىتىسى ۋە خاس قۇرالى تىل بولغانىكەن، ئۇنى ئوقۇتىدىغان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تىل بايلىقى مول بولۇشى كېرەك. ئەگەر تىل بايلىقى مول بولمىسا، ئاددىي، تومتۇۋاق تىل، يۈزەكى بايان، پاكىتسىز تەربىيە ئۇسۇلى بىلەنلا تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگىلى، ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئانا تىلنى داۋاملىق، ھەتتا بىر ئۆمۈر ئۆگىنىش، ھەتتا قەدىمكى يېزىقلىرىمىز، قەدىمكى تىللىرىمىز ۋە ئۇنىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشى، تىلنىڭ گرامماتىكىلىق، لوگىكىلىق خۇسۇسىيەت،  قانۇنىيەتلىرىنى پىششىق بىلىشى كېرەك.

 تىلنى قوللانغاندا ئىمكان قەدەر سۆز تەكرارلاشتىن ساقلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىپ كۆرمىگەن يېڭى سۆزلۈكلەر، ئاتالغۇلارنى كۆپرەك ئىشلىتىپ،ئۇنى يېڭى-يېڭى تىل بايلىقى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن جانلىق لۇغەت بولۇش، ئوقۇغۇچىلار تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تىلىدىن ئانا تىل لۇغىتىنى ھېس قىلالايدىغان، ھەربىر سۆزىدىن كۈندە نەچچە خىل يېڭى سۆز قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆز بايلىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. سۆزلىگەندە «نېمىنى نېمە قىلىپ، ھېلىقى»دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆزىنىڭ سۆزگە ناقىسلىقىنى چاندۇرسا، بەزىلەر تەكرار سۆز ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنىڭ دەرسىگە ئەمەس، بىر سۆزنى نەچچە يەردە تەكرارلىغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ. ھەتتا شۇ سەۋەبلىك ئوقۇتقۇچىغا لەقەم قويۇپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلىرىمىزدا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى «ھېلىقى»دېگەن سۆزنى كۆپ تەكرارلايتتى. ئوقۇغۇچىلار ساناپ ئولتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىر سائەتتە شۇ سۆزنى 48 قېتىم تەكرارلىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىشقانىدى.

         يەنە بىرتەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنمۇ تىل بايلىقى بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل زاپىسى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس . ئۇلار ئۆگىنىش،چۈشىنىش، قوللىنىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ بولغان سۆزلۈككە موھتاج. ئەمما نۇرغۇن  تىل-ئەدەبىيات  ئوقۇتقۇچىلىرى تېكىستلەردە ئۇچرىغان چۈشىنىكسىز سۆزلەرگە ئىزاھ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ھەتتا شۇ سۆزلەرنىمۇ تولۇق، توغرا چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئانا تىلىنىڭ ۋەكىلى بولغان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئانا تىلىنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ، ئۆزىنى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دەپ ئاتاش ئۆزى ئۈچۈن ۋە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئۈچۈنمۇ بىر پاجىئە.

         ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشتە ئوقۇتقۇچى ئۈلگە بولۇشتىن سىرت، يەنە ئوقۇغۇچىلارنى لۇغەت تۈزۈشكە دەۋەت قىلىپ، تېكىستلەردە ئۇچرايدىغان ۋە باشقىلاردىن ئاڭلىغان چۈشىنىكسىز سۆزلەرنى خاتىرىلەپ ئۆگىنىش، ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 

         2) تىلنى سەنئەتلىك ئىشلىتىش

         ئەدەبىي تىلنىڭ توغرا، ئىخچام، جانلىق، تاللانغان بولۇشى، ئەدەبىي ئەسەر تىلى (مەخسۇس ئەدەبىي ئەسەرلەردە قوللىنىلىدىغان تىل) نىڭ يەنە يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكتىن باشقا ئوبرازلىق، ھېس- تۇيغۇ كۈچى كۈچلۈك بولۇشى تىلنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى تىلنى قوللىنىش جەھەتتە  ئانا تىلنىڭ گۈزەللىكى، رەڭدارلىقى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقىنى نامايان قىلىش شەكلى بىلەن ئەدەبىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

        (1)  يۇمۇرىستىك، قىزىقارلىق سۆزلەش

         يۇمۇر ئەسلىدىنلا ھەجۋىيگە تەۋە ئەدەبىي تۈر. ئۇمۇ بەدىئىي كۈلكە پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. كۈلكە قوزغىتالايدىغان پىكىر قىزىقارلىق بولىدۇ. قىزىقارلىق گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتكە ئامراقلىق بالىلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى. شۇڭا، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن يۇمۇرىستىك سۆزلەر، جۈملىلەرنى توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تىلنى يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. مەسىلەن:

        تۇرمۇشتا قوپال، بىمەنە چاقچاق قىلىدىغانلارنى باشقىلار: «ئاغزىڭغا ئىككى تال شال قويسا خالا بولىدىكەن»،«گېپىڭگە كۇسار كىيدۈرۈپ سۆزلىسەڭ قانداق؟! » دەيدۇ. پىخسىق ئادەملەرنى: «تاپانچىدا ئاتسا بىر تېمىم قان چىقمايدۇ»، «تۇخۇمنىڭ سېرىقىدا بىر قېتىم ، ئېقىدا بىر قېتىم تاماق ئېتىپ يەيدىغان پىخسىق»دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. دېمەك، تىلنىڭ ئىجادچىسى ـــــ خەلق. تۇرمۇشتا بۇنىڭغا ئوخشاش ھەجۋىي، يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە تىللار نۇرغۇن. ئەدەبىي ئەسەرلەردىمۇ يۇمۇرلۇق سۆز، جۈملىلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: «خاسىيەتلىك قار» (مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ پوۋېستى)دا ئاپتور پېرسوناژلارنىڭ دىئالوگىدا «ئابلا پىت» لەقەملىك ئادەمنى مەيدانغا چىقىرىپ: « كونا كىيىم بازىرى پىت بازىرى دېيىلەتتى، ئابلا شۇ بازاردىن كىيىم ئېلىپ كىيگىنى ئۈچۈن <پىت>دەپ لەقەم قويۇلۇپ قالغان، ئۇ چاغلاردا پىتلار بەك چوڭ بولامتىكى، كىيىمىنى  سېلىپ قويسا سۆرەپ ئېلىپ كېتەتتى» دېگەندەك يۇمۇرىستىك بايانلارنى ئىشلىتىدۇ. «ئەجەل ھودۇقۇشىدا»(لۇتپۇللا مۇتەللىپ، فېليەتون) دا ئاپتور مۇنداق ھەجۋىي تەسۋىرنى قوللانغان:«نىئاپولدىن مۇسسۇلىنى ئۆلەر-تىرىلىشىگە باقماستىن<رىم، نەدە سەن!>دەپ، سېمىز قورسىقىدا توختىمىغان ئىشتىنىنى كۆتەرگەن پېتى ۋارقىراپ چاپتى»،«ھېرىپ بارغان بويىچە گىتلېرنىڭ قوينىغا ئېتىلدى. مۇسسۇلىنى ئەركىلەپ، ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى، گىتلېر ئۇنى پەپىلەپ بەزلەشكە باشلىدى...»، «سەن رۇسلارنى تۇتۇۋالغىنىڭ بىلەن، ئۇلار سېنى قويۇپ بەرمەيدۇ»...

      «بەش تال ئوق»(تۇردى سامساقنىڭ ھېكايىسى)تا: «پولاتنى ئوق ئاتالمايدۇ دەمسىلەر؟ ۋاقتى كەلگەندە قازان ئاكۇبىدا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، ئوقنى چۆمۈچكە سېلىپ گۇمباڭشىتىپ ئېتىۋېرىدۇ-دە». ئادەتتە سۆزلەرگە ھەجۋىي ئېلېمېتلار قوشۇلغاندىلا ئاندىن يۇمۇرلۇق بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئەمەلىيەت داۋامىدا يۇمۇرىستىك سۆز، جۈملىلەرنى توپلاش، ئۆزى ئىجاد قىلىش ۋە زۆرۈر كەلگەندە پايدىلىنىش ئارقىلىق يۇمۇرىستىك سۆزلەش ئالدىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

         (2) تەسىرلىك، ئوبرازلىق سۆزلەش

          ئوبرازلىق بولۇش تەسۋىرلىنىۋاتقان شەيئىنىڭ ھالىتى، قىياپىتىنى ئاڭلىغۇچىنىڭ كۆز ئالدىدا ئەينەن نامايان قىلىپ، ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋاتقاندەك، ئىش-ھەرىكىتىگە بىللە قاتنىشىۋاتقاندەك، سۆزلىرىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈشكە قارىتىلغان. مەسىلەن: «ئۇنىڭ چىرايى زەپىراندەك سارغىيىپ، قەددى يادەك ئېگىلىپ،كۆزلىرى سۈيى قالمىغان بۇلاقتەك ئورەكلىشىپ قاپتۇ»(ئىلغارجان سادىقنىڭ «قىسمەت ئاچىلىدا» رومانىدىن ئېلىندى)دېگەن ئوبرازلىق جۈملىنى ئالساق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا بىرىنچى قەدەمدە نامايان بولىدىغان ئوبراز ھەرگىزمۇ ئادەم ئەمەس، بەلكى «زەپىران»«سېرىق رەڭ)، «يا» (ئوقيانىڭ كامالچىسى)، « سۈيى قالمىغان بۇلاق»قاتارلىق كونكرېت شەيئىلەردۇر. ئۇلار بۇ كونكرېت شەيئىلەرگە ئاساسەن ئىككىنچى قەدەمدە تەسۋىر ئوبيېكتىنى، يەنى «سېرىق رەڭ» ئارقىلىق پېرسوناژنىڭ چىرايىنى، «يا» ئارقىلىق ئېگىلگەن   قامىتىنى، « سۈيى قالمىغان بۇلاق» ئارقىلىق چوڭقۇر ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ ۋە ئەينەن كۆرگەندەك ھېسسىياتقا كېلىدۇ. «قاسىم كەچ كىرگەندە  ھالسىز، ھارغىن، ئېغىر قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ، ياتاققا كەلدى» («قىسمەت ئاچىلىدا»رومانىدىن ئېلىندى). بۇ مىسالدىمۇ« ھالسىز، ھارغىن،ئېغىر» دېگەن سۈپەتلەش سۆزلىرى پېرسوناژنىڭ ھالىتىنى ئوبرازلىق يورۇتۇپ بەرگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئالاھىدىلىكىدىن ئالغاندا ئۇلار ئابستراكت تەپەككۇرگە ئەمەس، كۆپرەك كونكرېت تەپەككۇرگە تايىنىدۇ. ئاڭلاپ چۈشىنىشتىن كۆرۈپ چۈشىنىشى ئاسان بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى مانا شۇنداق ئوبرازلىق جۈملە شەكلى ئارقىلىق پىكرىنى كونكرېتلاشتۇرسا،روشەنلەشتۈرسە نېمىشقا بولمايدىكەن؟

يەنە بىرتەرەپتىن ئالغاندا  پىكىر مانا شۇنداق ئوبرازلىق بولغاندا تەسىرلىك بولىدۇ. ئوبرازلىق بولۇشتا ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ رولىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. ھەممىگە مەلۇمكى، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر تىلنى گۈزەللەشتۈرىدىغان، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا تىلنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، كونكرېت ۋە رەڭدار قىلىپ ئىپادىلەشكە ياردەم بېرىدىغان ۋاسىتىلەردىن ئىبارەت. ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرگە باي بولۇپ، قەدىمكى ئەسەرلەردىن ھازىرغىچە، ئېغىز تىل-ئەدەبىياتىدىن يازما تىل-ئەدەبىياتقىچە ھەممىسىدە ئاجايىپ گۈزەل،رەڭدار ۋە خىلمۇ-خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر قوللىنىلغان. سۆزلىگەن ياكى ئەدەبىي ئەسەرنى ئوقۇتقان چاغدا چوقۇم بىرتەرەپتىن ئەسەردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنى ياخشى چۈشەندۈرۈش، يەنە بىرتەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى سۆزلەرگە جۈملە  تۈزدۈرگەندە ئوبرازلىق جۈملە تۈزۈشكە ئادەتلەندۈرۈش، ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغاندا ئوبرازلىق جۈملىلەرنى كۆپرەك قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەسىلەن:

      «ماڭا قاتتىق گەپ قىلدىڭغۇ»دېگەندىن كۆرە،«ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك گەپ قىلدىڭغۇ»دېيىلسە، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.

        «بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر بۇرۇنقى ۋەھىمىلىك بىر ئەتىيازدا، يەنى 1933-يىلى 3-ئايدا خەلق كۆرۈشىنىڭ ئوت-يالقۇنى بىلەن قاپلانغان قەدىمكى تۇرپاندا ئەبەدىي ئۇنتۇلمايدىغان بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەردى. تۇرپان دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ ئون يەتتە كىشىدىن تەركىب تاپقان مەخپىي رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مىللىتارىست شېڭ شىسەينىڭ باندىت قوشۇنى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۇرپان بازىرى ئىچىدە ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ كىشىلەر ئىچىدە ئاشۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى ، ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ بار ئىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى جاھالەت ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي خەلق كۆرۈشى ئۈچۈن، شۇنداقلا باي ۋە قەدىمىيلىكى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان شانلىق ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش بولدى» (مۇھەممەد پولات: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇھاكىمە»، 55-بەت)

        بۇ پارچىدا چوڭقۇر قايغۇ، يۈرەكنى تىترەتكۈدەك  ماتەم سىڭگەن. ئۇنىڭدا شۇنداق تۇيغۇنى شەكىللەندۈرگەن ئامىل دەل ئەسەردىكى سۈپەتلەش سۆزلىرىدۇر. پارچىدىكى: « ۋەھىمىلىك»، «ئوت-يالقۇنى»، «ئەبەدىي ئۇنتۇلمايدىغان»،«قانلىق ۋەقە» ،‎ «باندىت قوشۇنى»، ‎«ۋەھشىيلىك بىلەن»، «ئوت يۈرەك»، «جاھالەت ۋە ئادالەتسىزلىككە»، «باي ۋە قەدىمىيلىكى»،«شانلىق ئەنئەنىۋى»، «غايەت زور»... دېگەندەك  سۈپەتلەنگەن سۆزلەر ئاپتورنىڭ ئېنىق خاھىشى، ھېس- تۇيغۇسى، مۇھەببەت- نەپرىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدە ئېغىر يوقىتىشنىڭ ئازابلىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بىز بۇ پارچىنى سۈپەتلەش ئامىللىرىدىن مەھرۇم قىلىپ: «1933-يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق 17 نەپەر تۇرپان دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى شېڭ شىسەي جاللاتلىرى تەرىپىدىن تۇرپاندا ئۆلتۈرۈلدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ  ئۆلۈمى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولدى» دەپ ئىپادىلىسەك، ئۇنىڭدىكى ھېسسىيات، ۋە ئوي- پىكىرنى ئىپادىلەشتىكى پاساھەتچانلىق يوقاپ، كىشىگە ھېچقانچە تەسىر بېرەلمەيدۇ.

        تەسىرلىك بولۇش ئاڭلىغۇچىنىڭ قەلبىدە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا ھېسداشلىق ياكى غەزەپ ، مۇھەببەت ياكى نەپرەت، سۆيۈنۈش ياكى يىرگىنىش، ئازاب ياكى خۇشاللىق...قا ئوخشاش پسىخىك تۇيغۇنى قوزغىتىشتا پايدىلىق. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەندە ئاپ-ئاشكارا ، ئوچۇق سۆزلىگەندىن كۆرە تۈرلۈك ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، مۇبالىغىلەشتۈرۈش مۇمكىن بولسا، مۇبالىغە، جانلاندۇرۇش مۇمكىن بولسا جانلاندۇرۇش قوللىنىش، ئوخشىتىش مۇمكىنچىلىكى بولسا ئوخشىتىشنى، سۈپەتلەش مۇمكىن بولسا سۈپەتلەشنى قوللىنىش ۋە باشقا سېلىشتۇرۇش، سىمۋول، تەكرارلاش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر، شۇنداقلا ماقال- تەمسىللەر، ھېكمەتلىك سۆزلەردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق پىكىرنىڭ تەسىرلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

          (3) جانلىق، رەڭدار سۆزلەش

         جانلىق ۋە رەڭدار بولۇش بىرخىل پىكىرنى ئوخشىمىغان جۈملە شەكلىدە، بىرخىل ھالەتنى ئوخشىمىغان ئورۇندا ئوخشىمىغان تىل بىلەن ئىپادە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىرخىل ئاھاڭ، بىرخىل ھالەت، بىرخىل كۆرۈنۈشنىڭ كۆپ تەكرارلىنىشى كىشىنى بىزار قىلىدىغان ۋە زېرىكتۈرىدىغان، دىققەتنى چاچىدىغان ئامىل. مەسىلەن: ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر خىل ئاھاڭدا كىتاب ئوقۇشى ۋە سۆزلىشى، بىرخىل گەپنى كۆپ تەكرارلىشى، بىرخىل ھەرىكەت (قول پۇلاڭلىتىپ سۆزلەش، بېشىنى توختىماي گىلدىڭلىتىش،توختىماي مېڭىش قاتارلىقلار)قىلىشى قاتارلىقلار. ئەدەبىي ئەسەرلەردە  بىر سۆز، بىر جۈملە، ياكى بىرخىل ھالەت تەسۋىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئورۇندا ئوخشاش تەكرارلىنىشقا(زۆرۈرىيەت ئۈچۈن بولمىسىلا) يول قويۇلمايدۇ. ئۇنداق بولمىسا، ئۇ تىل سەنئىتى بولالمايدۇ. شۇڭا، تىل سەنئىتىنى تىل سەنئىتى بويىچە ئوقۇتۇشتا ئوقۇتقۇچى بۇ قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

       شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ «سەن يوق» دېگەن شېئىرىدا «ئۇسسۇلۇق بېرىش»تىن ئىبارەت بىرخىل مەنانى ئوخشىمىغان شەكىل بىلەن ئىپادە قىلغان. «شەربەت قويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق»، «زەمزەم سۇنۇپ بېرەي دېسەم  يوق»،«ئالما ئۈزۈپ بېرەي دېسەم سەن يوق»، « قايناق چاي قۇيۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق»،«قوغۇن تىلىپ بېرەي دېسەم سەن يوق» دېگەندەك.

       مۇھەممەتئېلى زۇنۇننىڭ:«قۇچاقلا، ئۇ سېنىڭ داداڭ» دېگەن شېئىرىدا:«قۇچاقلا ئۇ ئۇيۇلتاشنى... قۇچاقلا ئۇ گۆھەر تاشنى»دېگەن مىسرالاردا بىرخىل پىكىرنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىپادىلەش كۈچىگە باي تىل. ئەگەر ئوقۇتقۇچى نائۇستا بولمىسىلا،تىلنىڭ ئېلاستىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

دېمەك، ئوقۇتقۇچى ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى بۇخىل ئالاھىدىلىكنى تىل ئىشلىتىش ئادىتىدە ئۆزلەشتۈرۈپ،رەڭمۇ-رەڭ شەكىللەر  ئارقىلىق ئەدەبىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

       (4) پەلسەپىۋى ۋە ھېكمەتلىك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش

 پەلسەپىۋى جۈملىلەر ۋە ھېكمەتلەرگە چوڭقۇر مەنا سىڭگەن بولىدۇ، ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان پىكىر قاتلىمى كىشىنى ئويغا  سېلىپ قالماي، ئەقىل كۆزىنى ۋە تەپەككۇر بۇلىقىنى ئاچىدۇ، ئەقىل ئۆگىتىدۇ ۋە تەربىيەلەيدۇ، ھايات ھەقىقەتلىرىنى تونۇتىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا تىل ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىشنىڭ ئۆزىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئوي -پىكرى، مۇددىئاسىنى مانا شۇنداق توغرا، چوڭقۇر، ئىخچام ، مېغىزلىق ئىپادىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئوقۇتقۇچى پەلسەپىۋى كىتابلارنى كۆپرەك كۆرۈش، پەلسەپىۋى پىكىرلەرنى توپلاش، خەلق ماقال- تەمسىللىرىنى ئۆگىنىش ھەم ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە قوللىنىش ئارقىلىق، ئانا تىل جەۋھەرلىرىنى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا نامايان قىلىپ، ئۇلارغا تىلنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

          (5) خاسلىققا ئىگە بولۇش

        ھەر بىر ئادەم مىجەز-خۇلق، سۆزلەش ئادىتى ۋە باشقا جەھەتتىن مۇئەييەن خاسلىققا ئىگە بولغىنىدەك، ئەدەبىي ئەسەردىكى پېرسوناژلارمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئەگەر «سۇ بويىدا» دا يارىتىلغان 108پالۋاننىڭ ھەممىسى ئوخشاش مىجەز- خاراكتېرگە، ئوخشاش سۆز ئادىتىگە، ئوخشاش ھېس-تۇيغۇ ۋە  كەچۈرمىشكە، ئوخشاش قىياپەتكە ئىگە بولغان بولسا ئىدى، ئەسەر ئۇنچىلىك جەلپ قىلارلىق، قىزىقارلىق، تەسىرلىك بولمىغان، كۆرۈرمەنلەرنى قىزىقتۇرالمىغان ، تەسىرلەندۈرەلمىگەن بولاتتى. بۇ نۇقتا بىزگە قىزىقارلىق، تەسىرلىك، جەلپ قىلارلىق بولۇشتا  تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تىلى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمۇ باشقا پەنلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىككە، يەنى خاسلىققا ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنى يەنە بىرتەرەپتىن  باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تىل-ئەدەبىياتنىڭ سەنئەت بولغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن. ئادەتتە ھەرقايسى پەنلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تىل ئىشلىتىشتە خاسلىققا ئىگە بولىدۇ. بۇ خاسلىق تىل-ئەدەبىياتتا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. بۇ باشقا پەنلەردە  ئىشلىتىش مۇمكىن بولمىغان ئىستىلىستىكىلىق سۆزلەرنى تىل-ئەدەبىياتتا بىمالال قوللىنىش مۇمكىنچىلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تىلى تىل-ئەدەبىياتقا خاس  بولۇشى، باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرىدىن پەرقلىق بولۇشى كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەدەبىي ئەسەرلەردە يارىتىلغان ئوبرازلارنىڭ ئىشىدىن ئۇنىڭ كىملىكى ۋە خاراكتېرىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بولغىنىدەك، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تىلىدىن ئۇنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدىغان بولۇشى، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى «مۇنداق پەن» دەپ ئېلان قىلمىسىمۇ، ئۇ ئۆتكەن دەرس سەنئىتىدىن ئۇنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولۇشى كېرەك. بەزى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى باركى، ئۆزىنى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دەپ ئاتايدۇ-يۇ، ئەمما بىرەر پاساھەتلىك، تەسىرلىك جۈملە ياكى بايان  ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈشنى، بىرەر يۇمۇر ياكى يۇمۇرىستىك تىل ئارقىلىق كۈلدۈرۈشنى،  بىرەر يۇمۇرىستىك ھەرىكەت ئارقىلىق قىزىقچىلىق پەيدا قىلىشنى بىلمەيدۇ. ئۆتمەكچى بولغان دەرسىنىڭ «تىل-ئەدەبىيات» ئىكەنلىكىنى باشتا ئۆزى ئىزاھلاپ قويمىسا، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، تىلىغا قاراپ كەسىپ ئەھلى بولمىغان ئادەم ئۇنىڭ ئۆتكەن  دەرسىنىڭ قايسى پەن ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ سۆزىدىن بىرەر يېڭىلىق، تىلىدىن بىرەر يېڭى سۆز، پىكىرىدىن بىرەر ھېكمەتنى بايقىيالمايدۇ. بۇنداق دەرسنى قانداقمۇ تىل-ئەدەبىيات دەرسى دېگىلى بولسۇن؟

       بۇ يەردىكى خاسلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندىلا ئەمەس،بارلىق ئوقۇتۇش تىللىرىنىڭ خاسلىققا ئىگە بولۇشىغا قارىتىلغان. بۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە قوللانغان تىلىنى يەنى دەرس ئۆتۈش، ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەش، پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇلارغا تەربىيە بېرىش... قاتارلىقلاردا قوللانغان تىلنى، شۇنداقلا ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ۋەقەلىكىنى ، پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى ۋە ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى بايان قىلىشتىكى تىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

       (6) سۆزلىگەن، پىكىر قىلغاندا يېقىشلىق نۇقتىنى تاللاش

        تىل ئىشلىتىش سەنئىتى يالغۇز تىلنى توغرا،جانلىق، ئوبرازلىق قوللىنىشتىلا ئەمەس.يەنە ئۇنى قانداق قىلىپ ئاڭلىغۇچىغا يېقىشلىق قىلىپ ئىپادىلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئادەتتە تىل-ئەدەبىياتتا «ئېۋفېمىزم»قائىدىسى بولۇپ، تىل-ئەدەبىياتنىڭ گۈزەللىك نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ تىلنى سىلىقلاشتۇرۇپ، يېقىشلىق قىلىپ قوللىنىش مەيلى ئوقۇتۇش، مەيلى تۇرمۇش، مەيلى ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا ئەمەل قىلىشىقا تېگىشلىك تۈپ پرىنسىپ. ئادەتتە قوپال سۆز، يېقىمسىز تەلەپپۇز ھېچكىمگە ياقمايدۇ. گېپىنىڭ يېقىشلىق نۇقتىسىنى بىلمىگەن كىشىلەرنى دائىم: «سۈڭگۈچتىن ئىت چىققاندەك»، «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك»، «ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك»، «ئېشەك ھاڭرىغاندەك»، «ئەسكە تۆمۈرگە مۇشتلىغاندەك»، «قاغا توۋلىغاندەك»،«تۆگە ماياقلىغاندەك »... دېگەندەك ئوخشىتىشلار بىلەن مەسخىرە قىلىمىز.

         تىلنى يېقىشلىق قىلىپ ئىشلىتىشنىڭ پايدا-زىيانلىرى ھەققىدە قەدىمكى دىداكتىك شائىرلار ، پەيلاسوپلارنىڭ پەندى-نەسىھەتلىرى ناھايىتى كۆپ.«ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى»دىمۇ: «ئاغزى تاتلىق موزاي قوش ئەمچەك ئېمەر»،«ياخشى سۆز تاشنى ئېرىتەر»،« ئالدىمغا كەلدى دەپ يېمە، ئاغزىمغا كەلدى دەپ دېمە »،«بېشىڭ نەدىن كېتەر، تىلدىن»،«ئويلىماي سۆزلىسەڭ، ئاغرىماي ئۆلىسەن»،«پۇت يۈگرىكى ئاشقا، تىل يۈگرىكى باشقا»،«چىرايلىق يۈزدە ئەمەس، سۆزدە»،«سۆزى توغرىنىڭ قەدرى ئالتۇن بولار»،«تىلنىڭ قاتتىقى  داغلار، تىلنىڭ يۇمشىقى ياغلار»،«ياخشى گەپ ئىسسىتقۇ، يامان گەپ سوۋۇتقۇ»،«ياخشى سۆز جان ئوزۇقى، يامان سۆز جان قوزۇقى»...دېگەندەك نۇرغۇن ماقاللار بار. تۆۋەندىكى مىسالمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ:

          «بىر پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزى ئالغاي ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن ئوردىغا رەسسام چاقىرتىپتۇ. بالدۇر كەلگەن رەسسام پادىشاھنى ئەينەن سىزىپتۇ، ئەمما پادىشاھ ئۇنى جازالاپتۇ. كېيىن كەلگەن رەسسام پادىشاھنى قولىدا ئوقيا تۇتقان، كىرىچىنى تارتىپ، قۇشنى نىشانلاپ بىر كۆزىنى قىسىۋالغان قىياپەتتە سىزىپ چىقىپتۇ. نەتىجىدە، پادىشاھنىڭ ئەيىبى يۆگىلىپ قاپتۇ، پادىشاھ رەسسامنى كاتتا تارتۇقلاپتۇ.»

         بۇ مىسال گەرچە رەسىم ھەققىدە بولسىمۇ، ئەمما تىل ئىشلىتىشتە سۆزلەرنى گۈزەللەشتۈرۈپ، سىلىقلاشتۇرۇپ قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ ھېس قىلدۇرىدۇ.

         تىلنى يېقىشلىق ئىپادىلەشتە سۆزنى نەدىن باشلاش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ جەھەتتە: (1) جەلپكار نۇقتىدىن باشلاش. يەنى قىزىقارلىق، تەسىرلىك، جانلىق نۇقتىلاردىن باشلاش؛ (2)دەبدەبىلىك بايانلاردىن باشلاش؛(3) مىسالدىن باشلاش؛(4)زىددىيەتلىك ، قارمۇ-قارشى پىكىر، ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردىن باشلاش؛(5)مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىدىن ئۇنىڭ سەۋەبى، جەريانى تەرىپىگە قارىتىپ تەتۈر بايان شەكلىدە باشلاش؛ (6) ئاۋۋال قارشى تەرەپنى سۆزلەپ، ئاندىن ئۆز ئەھۋالىغا ئۆتۈش...قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

          بۇ جەھەتتە كىنو فىلىملىرىنىڭ مۇقەددىمىسى، مەھسۇلات ئېلانلىرى بىزگە ياخشى ئۈلگە. كىنولار ئەڭ جانلىق كۆرۈنۈشلەردىن باشلىنىدۇ. ئېلانلار، سەنئەت نومۇرلىرىمۇ ھەم شۇنداق. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئاڭلىغۇچىلار، كۆرگۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى دەرھاللا ئۆزىگە قارىتىش مەقسەت قىلىنغان. بىزمۇ سۆزىمىزنى شۇنداق ئۇسۇلدا باشلىساق نېمىشقا بولمايدىكەن؟

 ئوقۇغان چاغلىرىمدا بەزى ياراملىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى لەتىپە، يۇمۇر ئېيتقاچ سىنىپقا كىرىپ كېلەتتى. بەزىدە مۇنبەرگە كېلىپلا ئەڭ لىرىك شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلاتتى ياكى قىزىقارلىق ھېكايە سۆزلەيتتى. بەزىدە شېئىرلاردا تەسۋىرلەنگەن لىرىك مۇھىتنى ئەڭ يارقىن نەسر يەشمىسى بىلەن بايان  قىلىپ، ئۇنىڭدا يارىتىلغان گۈزەل سىماسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەتتى. شۇنداق چاغلاردا قېنىمىزدا  ئاجايىپ بىرخىل ھاياجان، بىرخىل تۇيغۇ كۆۋەجەيتتى. شۇنداق قىلىپ گاھىدا ئاسانلا ئوقۇتقۇچى بىلەن بىرگەۋدىگە ئايلىنىپ كەتسەك، گاھىدا ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا دەرس مەزمۇنىغا كىرىپ كېتەتتۇق. ئەمدى ئويلىسام بۇلار ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ دىققەتنى تارتىش ئۇسۇلىكەن.كېيىن مەنمۇ شۇنداق ئۇسۇل قوللىنىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم.

           دېمەك، تىل ئارقىلىق ئەدەبىي مۇھىت يارىتىش تىل-ئەدەبىياتنى ئۆزىگە قايتۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم ھالقا بولۇپ، تىل ئارقىلىق مۇھىت يارىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. 


                         3. ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق ئەدەبىي مۇھىت  يارىتىش


         تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ماھىيەتتە ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇتۇشىدىن ئىبارەت. دەرسلىكتە بېرىلگەن تېكىستلەر بىر مىللەت تىل-ئەدەبىي

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز