شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
زەنجىۋىل. ئىستېمال قىلسا، كىشىنى مۆتىدىل تەرلىتىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىشنى توختىتىپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
كەرەپشە. قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، كۆڭۈلنى تىنچلاندۇرىدۇ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ.
تەرخەمەك. قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ، تەرەتنى ھەيدەيدۇ، زەھەرنى قايتۇرۇپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
كۆك كاۋا. تەرەتنى ھەيدەيدۇ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەمنى ھەيدەيدۇ.
پالەك. بەزلەرنىڭ يوشۇرۇن بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەينى ھۆللەيدۇ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
يېشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسى. قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ، تەرەتنى ھەيدەيدۇ ۋە راۋانلاشتۇرىدۇ.
ئاق تۇرۇپ. ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، يۆتەلنى توختىتىپغ بەلغەمنى يۈرۈشتۈرىدۇ، يەلنى ھەيدەپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ.