تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دىيابېت كېسىلى، باش سۈيىنىڭ زىيادە ئاز ياكى كۆپ بولۇشى بالدۇر تۇغۇپ قويۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ئىكەن. ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشى زۆرۈر ئىكەن. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي يولىدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بولسا ياكى ئاق خۇن ، سېرىق سۇ كۆپىيىپ كەتسە، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇزۇقلىنىپ، ئاز ھەرىكەت قىلىش قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشى، زىيادە ئىششىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باش سۈيى ئازلاپ كېتىپ، بالدۇر تۇغۇپ قويۇشقا سەۋەب بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلە قوش ياكى ئۈچكېزەك بولسا، بالىياتقۇغا كېلىدىغان بېسىمنىڭ ئارتىشى بىلەن ھامىلە باش سۈيىنىڭ بالدۇر يېرىلىپ كېتىشى سەۋەبىدىن بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.
شۇڭلاشقا، ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن باشلاپ دوختۇرخانىغا بېرىپ ۋاقتى-ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇشى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى، يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشىشى، بولۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە گۈرۈچ تۈرىدىكى تاماق بىلەم كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، سوغۇن ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكى كېرەك ئىكەن.
ـــ ماتېرىيالدىن