تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئوكسىگېن سۈمۈرۈشنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى

مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ھاياتلىق ئوكسىدلىنىش – ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيەسىدۇر. ئوكسىگېننىڭ كېسەللەرنى قوشۇمچە داۋالاشقا ئىشلىتىلگىنى ئوكسىگېنلىق داۋالاش، دېيىلىدۇ؛ ئېغىر ئاغرىقلار ۋە تاسادىپىي ھادىسىگە ئۇچرىغانلارغا ئىشلىتىلگىنى ئوكسىگېن بېرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش، دېيىلىدۇ؛ فىزىيولوگىيەلىك ئوكسىگېن كەملىكنى داۋالاشتا ئىشلىتىلگىنى ئوكسىگېنلىق ساقلىق ساقلاش، دېيىلىدۇ.

    تۆۋەندىكى ئاغرىقلار ئائىلىدە ئوكسىگېن سۈمۈرۈش ئەسلىھەسىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلەتسە بولىدۇ:

    1 . يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، بولۇپمۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، مېڭىسىگە قان يېتىشمەيدىغان ياشانغانلار.

    2 . ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، مەسىلەن: ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس يولى يەللىكى، ئۆپكە فونكسىيەسى تولۇق يېتىلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار. كېسەلنىڭ تۈرلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، دوختۇرنىڭ ئوكسىگېن ئىشلىتىش كۆرسەتمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش لازىم.

    3 . دائىم بېشى ئاغرىيدىغان ياكى بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان ئاغرىقلار بېشى ئاغرىسا، ۋاقتىدا ئوكسىگېن سۈمۈرۈپ داۋالانغاندا، كېسەل ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ.

    4 . ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئاغرىقلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىدە مۇۋاپىق مىقداردا ئوكسىگېنلىق داۋالانسا، يارىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

    5 . ئۇزاق مەزگىل ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئېقىم مىقدارى تۆۋەن ئوكسىگېن سۈمۈرۈپ بەرسە ۋە ئۆي ئىچىدە مەلۇم ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەرسە، مېڭىنىڭ چارچىشىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

    ئومۇمەن، ئائىلىدە ئوكسىگېن سۈمۈرۈشكە ماس كېلىدىغان كىشىلەر كۆپ بولىدۇ، بۇنداقلار دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكى بولمىغان ئەھۋالدا، ئېقىم مىقدارى ۋە قويۇقلۇقى تۆۋەن ئوكسىگېننى سۈمۈرۈپ بەرسە بولىدۇ. ئېقىم مىقدارى مىنۇتىغا ئۈچ لىتىردىن تۆۋەن، قويۇقلۇقى %30 تىن تۆۋەن بولۇش، ئوكسىگېن سۈمۈرۈش ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز