تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى تۆت كۈن ئۇزارتىلدى

  شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى تۆت كۈن ئۇزارتىلدى

 

ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى
بۇ يىل شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى ئۇزارتىلدى، توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى ئەسلىدە بېكىتىلگەن 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:00 دىن 6-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ 6:00 گىچە بولغان ۋاقىتتىن، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:00 دىن 6-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ 5:20 گىچە ئۇزارتىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ بۇيىل چىقارغان ئۆلكە ئايرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلان ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا، ئاپتونۇم رايونىمىزدا بۇيىل ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسى تولدۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن بىرلەشتۈرگەن. يېقىندا ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بۇيىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىنى تەڭشىگەنلىكى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغان.
ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى«www.xjzk.gov.cn ياكى www.xjzs.edu.cn » دا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىلدا « 2014-يىللىق ئالىي مەكتەپەلرنىڭ شىنجاڭدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى كەسىپ مۇندەرىجىسى» نى ئېلان قىلىدۇ.
ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېستىمىغا تىزىملاتقاندىكى مەخپىي نومۇرىنى ساقلىۋېلىشىنى ۋە تىزىملاش سېستىمىسىنىڭ مەشغۇلات ئۆلچىمىگە قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ. ھەرقايسى دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئورگانلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى، توردا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتىنى ئەتىراپلىق ئورۇنلاشتۇرىشى، ئىمتىھانغان قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش، توردا ئارزۇ تولدۇرغاندا باراۋەر، ئۆلچەمگە لايىق، بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز