يېقىندا ئەنگلىيە ‹‹تەبىئەت›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك ھەر يىلى 3 مىليون 300 مىڭ ئادەم بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدىكەن، بۇ سان ئەيدىز ۋە بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەردىن 500 مىڭى ئارتۇق ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە %75 ئادەم ھاۋادىكى مىكرو چاڭ – توزان دانچىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەسىر كۆرسىتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەكتە ۋە يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن، قالغانلىرى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ۋە ئۆپكە راكى سەۋەبىدىن ئۆلگەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئايان بولۇشىچە پار بىلەن تەمىنلەش، تاماق ئېتىش جەريانىدا قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيە، ئائىلە جابدۇقلىرى چىقارغان چىقىرىندىلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشكە قارىتا تەسىرى ئىنتايىن چوڭ ئىكەن.
جۇڭگو شەھەر مۇھىت بۇلغىنىشىنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېڭ يىڭچېڭ مۇنداق قارىدى: ئۆي مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى بىلەن ئۆي سىرتى مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ كىشىلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشىگە بولغان تەسىرىنى ئاسانلىقچە پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۆي ئىچى مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىمۇ ئىزچىل تۈردە كۆرۈنمەس قاتىل دەپ قارىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆينىڭ ھاۋاسىدىكى بۇلغىغۇچى ماددىلار بىلەن ئۆي سىرتى ھاۋاسىدىكى بۇلغىغۇچى ماددىلار كۆمۈر، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، سانائەت چىقىرىندىلىرى ۋە لەيلىمە توزان قاتارلىق تۆت چوڭ بۇلغىما مەنبەسى ئېلىپ كەلگەن نەپەس يولىغا كىرەلەيدىغان دانچىلار ئىشىك – دېرىزىلەر ئارقىلىق ئۆي ئىچىگە كىرىدۇ، شۇنداقلا ئۆي ئىچىدىكى گاز ھالەتتىكى بۇلغانمىلار ۋە دانچە شەكىلدىكى بۇلغانمىلارمۇ سىرتقا چىقىپ ئاتموسفېراغا قوشۇلۇپ كېتەلەيدۇ.
پېڭ يىڭچېڭ مۇنداق دەيدۇ: ئۆي ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بۇلغانمىلارنىڭ قويۇقلۇقى ئۆي سىرتىنىڭ يەتتە ھەسسىسىدىن 20 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ %80تىن ئارتۇق ۋاقتى ئۆي ئىچىدە ئۆتىدۇ، شۇڭا ئۆي ئىچى بۇلغانمىلىرىنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئاتموسفېرادىكى بۇلغانمىلارنىڭ ئىچىدە ئادەم بەدىنىگە زىيىنى ئەڭ چوڭ بولغىنى دىيامېتىرى 2.5 مىكرو مېتىردىن كىچىك بولغان ئۇششاق دانچىلار بولۇپ ئادەتتە PM2.5 دەپ ئاتىلىدۇ، PM2.5نىڭ قويۇقلۇقى قانچە يۇقىرى بولسا زىيىنى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
ئۆي ئىچىدىكى بۇلغانما ماددىلار يەنى، ئاشخانىدىن چىققان ياغ بۇسلىرى تەركىبىدىكى ئائېروزول (تۈتەكلەشتۈرۈلگەن ئېرىتمە) دانچىلىرى؛ كىرېسلو، كىيىم ئىشكاپى قاتارلىق ئۆي جاھازىلىرى تەركىبىدىكى فورمالدېگىد، بېنزول قاتارلىق خىمىيەلىك ماددىلار؛ ھاجەتخانىدىن تارقالغان ئاممىياك، گىدرو سۇلفىد قاتارلىق سېسىق گازلار ھەمدە ئادەم بەدىنى مېتابولىزم جەريانىدا شەكىللەنگەن باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ قاتارلىق بىيولوگىيەلىك بۇلغانمىلارغا كىشىلەر بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە فورمالدېگىد، بېنزول، ئاممىياك، رادون، ئۇچۇچان خىمىيەلىك بىرىكمە قاتارلىقلار يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئاق قان كېسىلى ۋە راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكلىپى: بىرىنچىدىن، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، تاماق ئەتكەندە چوقۇم بۇستارتقۇ ئىشلىتىش، ھاجەتخانىدىمۇ شامال ئۆتۈشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئائىلە جاھازىلىرى ۋە بېزەك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالغاندا مۇھىت ئاسرايدىغان يېشىل مەھسۇلاتلارنى تاللاش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشنى قوغلىشىپ، ئورىيا فورمالدېگىدلىق دەرەخ يىلىمى ئارقىلىق پىششىقلانغان تاختايلارنى سېتىۋالماسلىق كېرەك. ئۈچىنچىدىن، سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە بۇلغىنىش ئېغىر بولغان قاتناش تۈگۈنلىرى، شەھەر غول يوللىرى، زاۋۇت ۋە بۇلغانمىنى كۆپ قويۇپ بېرىدىغان ئاممىۋى سورۇنلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
نىجات قۇربان تەرجىمىسى