6-ئاينىڭ 18–كۈنى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى شىنجاڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) يېزىلارغا تېببىي پەنلەر بويىچە ھەقسىز ئوقۇيدىغان نىشانلىق ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش تۈرىگە جەمئىي 400 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.