سەلەي قاسىم
شائىر سەلەي قاسىم (1936 – 2005) قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ خىزمەت ھاياتى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ‹‹گۈلچىمەن››، ‹‹يېشىل قورغان››، ‹‹مېھمان››، ‹‹سەييارىلەر قوشىقى››، ‹‹كۆيۈۋاتقان ئوت›› قاتارلىق شېئىر، ھېكايە، پوۋېست توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.
جاھاننىڭ مەيلىنى تارتقان،
ئۇلۇغ جۇڭگو – دىيارىم بار.
ياراشقان ھۆسنىگە مەڭگۈ،
ئەجەب ئىللىق باھارىم بار.
ئۇنىڭ ئىشقىنى كۈيلەيمەن،
قولۇمدا ئۇز ساتارىم بار.
ساداقەت كەيپىنى سۈرسەم،
تېنىمدە كۈچ – مادارىم بار.
ئىما قىلسا بىلىپ پەرمان،
ھامان ئالغا باسارىم بار.
چۆلىنى چارىباغ بىلىپ،
سۈيىدە شوخ ئاقارىم بار.
ئىشىغا جان پىدا ئەيلەپ
مۇراد – بەختىم تاپارىم بار.
پېشىنى چىڭ تۇتۇپ مەڭگۈ،
كۈچ – ئەجرىمنى قاتارىم بار.
ئۇلۇغ جۇڭگو – دىيارىم بار،
دىيارىم بار، باھارىم بار.
باھار ئىشقى ئاتا قىلغان
تېنىمدە كۈچ – مادارىم بار.
1991 – يىلى، دېكابىر