ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
بەزىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۇيۇقسىزلا تۆۋەنلەپ، ئۆيىنى تاپالمىسا يېقىن ئادەملىرىنىمۇ تونىيالماي قالسا، بۇنى ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى دەپ قارايدۇ، بىراق بۇ مېڭە توسۇلۇش كېسىلىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش زۆرۈر.
مۇتەخەسسىلەر بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېيىشتى: دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارمۇ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، مېڭە توسۇلۇش كېسىلىدىمۇ ھەم شۇنداق. شۇڭا ياشانغانلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارى تۇيۇقسىزلا توسالغۇغا ئۇچرىسا، ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماي دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ھەمدە ۋاقتىدا داۋالىنىش ئەڭ توغرا ئۇسۇل.