تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كەچۈرۈڭ تاتلىق خۇتۇن مەن ئەيدىس(ھىكايە)

چۇقۇم پۈتۈن ئۇقۇپ چىقىڭ

 

كەچۈرۈڭ تاتلىق خۇتۇن مەن ئەيدىز (ھىكايە)

ئاپتورى:ئابدۇراخمان،تاتلىق ئۇيغۇر

 

مەن توي قىلىدىم. ئۆزەم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان،ھەم سۆيىدىغان،مىنىمۇ قەۋەتلا ياخشى كۆرىدىغان لايىىقىم بىلەن توي قىلدىم.مەن شۇنداق بەخىتلىك كۈنلىرىم ئىنتايىن مەنىلىك.مەن ئۇقىمىغان بولغاشقا مۇقۇم خىزمىتىم يوق ئىدى.ئۆزەمنىڭ تىرىشچان ئوڭلۇق مىجەزىم ئۇچۇق بولغاچقاتىجارىتىم بەك ئۇبدان ئىدى.باشقىلار مۇقۇم خىزمەتنى بەك چوڭ بىلسە كېرەك ،باشقىلار خىزمىتى بار كىشلەرنى چوڭ بىلگەننى كۆرسەم ئۆزەمچە ئاچىقلىنىپ قاللاتتىم.نىمىشقا دەمسىز؟چۈنكى ئۇقىغان زىيالى بىلىملىك مۇقۇم خىزمەتلىك كىشلەر توغۇرلۇق نۇرغۇن بولمىغۇر ھىكايىلەرنى ئاڭلىغان ھەم ئۇقۇغان .بىر ھىكايىدە ئۆزىنىڭ قىزىدەك بىر قىزبىلەن ئاشنا ئويناپتۇ دىسە، يەنە بىر ھىكايىدەدادىسى بىلەن تەڭ قۇرداش ئادەم بىلەن ئاشنا ئويناپتۇ دىگەندەك.... نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئۇقىغانمەن.ئۆزەم ئۇقىمىغان بولغاچقا ،مۇنبەردىكى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياختۇرۇپ ئۇقۇيتۇم.شۇ ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىم نۇرغۇن ئەدەپ ئەخلاق يىتىلدۈردۈم. شۇڭلاشقىمىكىن ئاشۇنداق ئۇقىغان بىلىملىك مۇقۇم خىزمەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ماشىدىن سىرىت يەنە ئاقكۆڭۈل كىشلەردىن پار يەيدىغان ئاتالمىش زىيالى كىشلەرنى قەتئىتى ياراتمايتىم.مىنىڭ راسچىل سەمىمى تىجارەت قىلىش پىرىنسىپىم ئارقىلىق ئايدا بەشمىڭ سوم كىرىم قىلالايدىغىنىم ئىنىق ئىدى.شۇڭلاشقا ئاشۇ زىيالى كىشلەر بىر ئايدا تاپقان پۇلنى مەن 15 كۈندە تاپالايتىم.

تاتلىق ئايالىم بىلەن مەن شۇنداق بەخىتلىك تۇرمۇش قۇردۇق بىر-بىرمىز بىلەن ھازىرغىچە ئۇرشۇپ قالغىنىمىزنى بىلمەيمەن.يول ماڭساقمۇ شۇنداق تەبئىي پاراڭلىشىپ ماڭاتتۇق.قىزلار ئۇغۇللاردىن سەل رومانتىك بۇلامدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن،يول ماڭغان ۋاقىتلاردا دائىم قۇلۇمغا ئېسلىۋالاتتى.ئايالىمغا شۇنداق ئامراق بولساممۇ بۇ نىڭغا قەتتى كۈنەلمەيتىم.چۈنكى بىز ئۇيغۇر بولغاندىكىن بىز ئۇيغۇرلاردەك يول مېڭىشىمىز كىرەك. بىزنىڭ مۇشۇ قول تۇتۇشۇپ مېڭىشلىرىمىزنى باشقا كىشلەر كۆرسە ئۇيغۇردىگەن ئاشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ دەپ ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتقىلى ئۇنمايتىم. ئۇمۇ ئەركىلەپ:«ياق ئۇنداق بولمايدۇمەن دىگەن سىزنىڭ ئايالىڭىزباشقىلار قانداق ئويلاپ قالسا بىزنىڭ نىمە ئىشمىز دەپ قۇلۇمنى مەجبۇر تۇتقۇزۇپ قۇياتتى.مەنمۇ ئادەم يوق يەرلەرگە كەلگەندە ئايالىمنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ ماڭاتتىم.بىز شۇنداق تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋاقىتلاردا ئايالىمنىڭ بۇيىدا قالدى مەن چەكسىز خۇشال بولدۇم.ئايالىممۇ مىنىڭ خۇشاللىقىمدىن بەك خوش بولغان ئىدى.بىز دائىم ئاخشىملىرى بالىمىزنى قانداق بېقىش ،قىزياكى ئۇغۇل دىگەنلەر توغىرسىدا قىزغىن ئەركىلىشىپ پاراڭلىشىپ كىتەتتۇق.

-تاتلىق خۇتۇن قىز تۇغامسىز ياكى ئۇغۇلمۇ؟

-بىلمەيمەن.خۇدا قىز بەرسە قىز تۇغمەن ئۇغۇل بەرسە ئۇغۇل.

سىزچۇ قىز تۇغۇشىمنى ياخشى كۆرەمسىز،يا ئۇغۇل تۇغۇشۇمنىمۇ؟

-مەنمۇ ياراتقان ئىگەم قايسىنى بەرسە شۇنى ياخشى كۆرىمەن.

-ئۇنداقتا قىز تۇغۇپ قالسام ئىسمىنى نىمە قۇيساق بۇلا؟

-قىز تۇغۇپ قالسىڭىز ئىسمىنى مۇسلىمە قۇيايلى، ئۇغۇل تۇغۇپ قالسىڭىز ئىسمىنى مىرزى قۇش قۇيمەن دەيتىم.

-نىمە مىرزىقۇش ؟

-شۇنداق مىرزىقۇش.

-ياق مەن ئادەم تۇغىمەن قۇش تۇغمايمەن. ھې ھې ھې....(ئىككىلىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق).

-ئۇنداق ئەمەس مىرزىقۇش دىگەن ئىسىم ھەرگىز قۇشنىڭ ئىسمى ئەمەس بۇ ئىسىم

بۇرۇن بىزنىڭ خاندانلىق دەۋرىمىزدە ئىسمايىل خاننىڭ بىر جەسۇر تالانتلىق ئەسكىرى بۇلۇپ بۇ ئىسىمنى جاللات خېنىم رومانىدىن ئاڭلاپ بەك ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم.شۇڭلاشقا ئەگەر ئايالىم ئۇغۇل تۇغۇپ قالسا مۇشۇ مىرزىقۇش دىگەن ئىسىمنى ئۇغلۇمنىڭ ئىسمى قىلمەن دەپ ئويلايتىم.

-ياق-ياق .ئۇئىسمنى ھەرگىز قويمايمەن.نەدە ئۇنداق ئىسىم بار ئۆزىڭىز بالا تۇغۇپ شۇ ئىسىمنى قۇيۇڭ دەپ ئاچىقلاپ كىتەتتى.

-ماقۇل ئەمسە ئۇغۇلىمىزنىڭ ئىسمىنى نىمە قۇيمىز؟

-ئىھسان،ئۇغۇل تۇغۇپ قالسام ئىسمىنى ئىھسان قۇيمەن.

-ھە بۇمۇ بۇلدىغان ئىسىمكەن- دەپ ئامراق ئايالىمنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلدىغىنىمنى بىلدۈردۈم.

شۇنداق قىلىپ تۇرمىشىمىز شۇ تەرىقىدە ئۇتىۋاتاتتى.ئاتائانىمىزمۇ بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاپ بىزدىنمۇ خوش بۇلۇپ نۇرغۇن تىلەكلەرنى تىلىدى.

قىزلارنىڭ بۇيدا قالسا ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇغۇپ كىلىدىغان قائىدە بار بۇلۇپ ئايالىمغا چىدىمىساممۇ، ئاپىسنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم.بىز بىر يۇرتلۇق بولمىغاچقا ئايالىمنىڭ يېنىغا دائىم بارالمايتىم، يەنە كېلىپ تىجارەت قىلىدىغان بولغاچقا ئالدىراش ئىدىم. قۇلۇمدىكى ماللار تۈگەپ ئۈرۈمچىگە مالغا بارماقچى بولدۇم.ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن دوستلۇرۇم بولغاچقا ئاغىنە باللار چاققان كىلىشىمنى ئېيتتى.مەنمۇ ئۈرۈمچىگە چۈشۈشۇمگىلا ئاغىنىلەر ئالدىمغا چىقتى.ھەممىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم. بۇيەردە تىجارەت قىلۋاتقانلارمۇ،ئۇقىۋاتقان دوستلۇرۇممۇ بار ئىدى.باللار بىلەن ياتاققا كىرىپ ھال-مۇڭ بۇلۇپ تاماق يەپ دىگەندەك بىر كۈن ئۆتتى.بىر دوستۇم بۇلدىغان، بىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بولغاچقا مىنى ئايرىم مىھمان قىلماقچى بولدى ،مەنمۇ بۇ دوستۇمغا قەۋەتلا ئامراق بولغاچقا قۇشۇلدۇم .

ئۇ مىنى مەلۇم بىر كۆڭۈل ئېچىش سۇرۇنغا باشلاپ كەلدى.مەن ئەزەلدىن بۇنداق جايلارنى ياقتۇرمايتىم .

-ئاداش سەن بىلسەنغۇ مەن ئەزەلدىن بۇنداق جايلارغا كەلمەيمەن.

-ۋاي ئاداش بىلمەن خاتىرجەم بۇلە مەن سىنى قالايمىغان يەرگە باشلىمىدىم دەپ قۇلۇمدىن تارتىپلا قاڭسۇق پۇرايدىغان بىر ئايرىم خانىغا ئەكىردى.كۆڭلۈم تاتمىغان بولسىمۇ دوستۇمنىڭ بايامقى پىكىرىنى رەت قىلغۇم كەلمەي بۇ سورىنغا كىردىم.

ئۇ ئۆزىگە ئىچىملىك ئېلىپ مىنىڭ قانداق ئىچىملىك ئىچىشىمنى ئېتتى.

مەن كەيىپ قىلمىغان بولغاچقا قارقات ئىچىملىكى ئىچەي دىدىم.

-ۋاي ئاداش نەدىكى قىزبالنىڭ ئىچىدىغان نەرسىسىنى ئىچمەن دەيدىكەنسەن باشقىنى ئىچە.

-ياق ئاداش باشقىنى مەن ئىچەلمەيمەن، -دەپ چىڭتۇرۋالدىم.خېلى زورلىغاندىن كىيىن.

- بوپتۇ ئاداش ئەمسە قىزىل كالىدىن تۆتنى بىرىڭ دەپ ئىچىملىك ساتقۇچىغا جىكىلەپ قۇيۇپ كىرىپ كەتتۇق. بىردەمدىن كىيىن تاماق ئىچىملىكلەر كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى خېلى ئۇزۇن بۇلغان بولغاچقا خېلى ئۇزۇن ھال -مۇڭ بولدۇق .

-ئاداش سىنىڭ تۇيۇڭغىمۇ بارالمىدىم ،-دەپ ماڭا ئۆزىرخالىق ئېيتپ رەجىمەسلىكىمنى ئېتتى.

-مەنمۇ ئاداش ئۇ ۋاقىتتا سىنىڭ ئەھۋالىڭ ماڭا ئايان تۇرسا دەپ ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قاردىم.

دىمىسىمۇ مەن توي قىلغان ۋاقىتلاردا بۇ ئاغىنەم ئازراق ئىش چىقىرىپ قۇيۇپ تۇرمىدە جازا ئۆتەۋاتاتتى.

بىردەپ ئولتاغاندىن كيىن ئىشىك چىكىلىدى

-كىرىڭ، دىگەن ئاۋاز بىلەن ئىككى قىز كىرىپ كەلدى.ئەمدى كەلدىڭلارمۇ نەۋاق سىلەرنى ساقلىغىلى جەنۇپتىن ئەڭ يېقىن دوستۇم كىلىدۇ دەپ دىدىمغۇ سىلەرگە بەك ساقلاپ كەتتۇق سىلەرنى دىيشىگە،

-خاپا بولماڭچۇ،شۇ سىزگە ۋەدە بەرگەچكە، باشقىلار جىق پۇل بىرەيلى دىگەن ئىدى بىزشۇ سىزنى دەپ كەلدۇق دەپ نازلىنىپ ئەركىلىدى.

-ھە شۇ يەرلىرىڭلارنى دەيمەن ئەمەسمۇ سىلەرنىڭ. ھە بوپتۇ بۇنىڭدىن كىيىن ئەمدى كىچىكىپ قالساڭلار سىلەرنى تۇنمايمەن جۇمۇ!

-ماقۇل دىگەن ئىشارەت قىلىپ بېشىنى لىڭشىتىپ قۇيۇشتى.

ھە ئەمسە سىلەرنى تۇنۇش تۇرۋىتەي،ماۋۇ ئاغىنەمنىڭ ئىسمى ئابدۇراخمان مىنىڭ بالا ئاغىنەم كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ،بۇياق مىنىڭ يېقىن دوستۇم ئىسمى ئاينۇر،بۇياقنىڭ بولسا ئىسمى گۈلنۇر ھەر ئىككىلىسى يېقىن دوستۇم دەپ بىزنىڭ تۇنۇشۇپ ئۈتىشىمىزنى ئېتتى. ئەلۋەتتە بۇلىدۇ،- دەپ كۆزلىرىمىنىڭ ئىچىگە نەۋەت-نەۋەت بىلەن قارىۋەتتى ئۇلار .ئۇچاغدايۇزلىرىم قىزارغان ئاناردەك قىزىرىپ كەتتى.

- ئاداش ئەركىن ئولتىرە بىزدىگەن ھەممىمىز دوست تارتىنمىساڭمۇ بۇلىدۇ دىدى،- ئاغىنەم . لەۋلىرىمنى چىشلەپ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ماقۇل دەپ ئاستا جاۋاپ بەردىم.

قىزلاردىن بىرى تارتىنغىنىمنى بىلۋالدى بوغاي،- ۋۇيەي جېنىم بىز سىزنى دەپ كەلدۇق جۇمۇ ،بىز ئادەم يىمەيمىز دىگىنىچە كىلىپ بوينۇمغا ئېسىلدى.تارتىنىشتىن تەرلەپ بىر تۈكۈمدىن مىڭ تەر چىقىپ كەتتى.ھەرخىل سۇرۇنى قىزتىش ئۈچۈن ئېتىلىۋاتقان بولمىغۇر گەپلەر. ئۆزەمنى شۇنداق تۇتۋېلىشقا تىرىشقان بولساممۇ بۇ سۇرۇندىكى ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك چاق-چاقلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ قىزىپ قالدۇممۇ بىلمىدىم ئۆزەممۇ بىلمەيمەن گەپ قىلىپ ئولتۇردۇم،بىر ۋاقىتتا سۇرۇن خېلى ئەۋجىگە چىقىتى بولغاي ئۇسۇل ئويناشقا چۈشۈپ كەتتى.بايامقى قىز قۇلۇمنى تارتقان پېتى بوينۇمغا گەرە سېلىپ قۇلۇمنى بېلىنى تۇتقۇزۇپ تاڭسىغا چۈشۈپ كەتتۇق. كالامدا مەن بۇنداق ئۇغۇل بالا ئەمەس مىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان تاتلىق ئايالىم بار،دەپ ئۆزەمنى تۇتىۋېلىشىنى ئۆزەمگە ئەسكەرتتىم. مەن خالىمىساممۇ يۈز كۆزلىرىم ئىسىق تىنىقلار بىلەن ئۇرلۇپ سۈيلۈشكە باشلىدى.مىنىڭ تاتلىق ئايالىمنىڭ لەۋلىرى بۇنداق سۇغۇق ئەمەس ئىدىغۇ؟ بۇنداق سۈيۈلۈپ باقمىغان ئىدىمغۇ؟تاتلىق ئايالىمنىى ئىزا تارتىپ تۇرۇپ شۇنداق تەسلىكتە سۈيەلەيتىمغۇ؟ مىنىڭ يىگىتلىك غورورۇم بۈگۈن دەپسەندە بۇلۋاتىغۇ؟...

ئىچىمنى نەچچە يۈزمىڭلىغان قۇرۇت چېقىۋاتاتتى. مىنى مۇشۇ سۇرۇنغا باشلىغان ئادەم قىلىپىدىن چىققان دوستۇمنىڭ بايامقى بىر قىز بىلەن ئىرمىشىپ چىرمىشىپ كىتىشنى كۆرۈپ كۆزلۈرۈمنى پىشىق يۇمدۇم كاللام ئىشلىمەيلا قېلۋاتاتتى.يەنە بىر قىزمۇ مىنى چىڭ قۇچۇقلاپ مىنى قەتئىى ئارامىمدا قۇيمايۋاتاتتى.

بىر چاغدا بۇ ياتاقنى بۇ قىز بىلەن ماڭا تاشلاپ قۇيۇپ ئىككى ئىشەك چىقىپ كەتتى.

`ئۇلانى ئىشەك دىيىشكە سالاھيىتىم يوق ھازىر مەنمۇ شۇلاغا ئوخشاش ئىشەك بۇلۇپ قالدىم.

مانا مەن ئويلاپمۇ باقمىغان مەن قەتتى خالىمايدىغان ئىش ئاخىرى يۈ بەردى.ھەش -پەش دىگۈچە بۇ ئىش ئاخىرى يۈز بەردى.قۇرلۇشتا ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىمدا ھېرىپ قالغان ۋاقتىمغا ئوخشاش ھېرىپ كىتىپ ياتقاندەك ھاسىراپ يېتىۋاتمەن.ھايال ئۆتمەي

قايتا-قايتا بىرنەچچە قېتىم داۋاملاشقاندىن كىيىن،كەينىمنى قىلغان پېتى ئاچچىق خىياللار ئىچىدە كۆزۈمدىن بىرنەچچە تامچە ياش چىقىپ كەتتى.ياشلىرىمنى ماۋۇ مەينەت يوتقانغا سۈرۈتكۈم كەلمىدى،شۇپېتى كۈزۈمنى يۇمغىنىمچە ئۇيقۇغا كىتىپ -تىمەن.

ئەزەلدىن ئەتىگەن تۇردىغان ئادىتىم بولغاشقائىتتىكلا ئۇيغۇنۇپ كەتتىم.ئۇيقۇم قانمىغان بولسىمۇ كۆزۈمنى يىرتىپ ئېچىپ ئەتىراپقا قاراپ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم.يېنىمدا ئۇرۇق، چاچلىرى سېرىق ،تەنلىرى تاماكا پۇرايدىغان چەتنىڭ كىنولىرىدىكى چەتئەل قىزلىرىغا ئوخشايدىغان بۇ قىز ئۇخلاۋاتقان ئىدى.ئاخشام بۇلۇنغان ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلىۋەتكەندىن كىيىن ئورنىمدىن زەردى بىلەن تۇردۇم تۇرۇپلا مۇنچىغا كىردىم.بۇ سۇنىڭ سۇغۇقلىقىغا بىر نەرسە توغرا كەلمەيتى.شۇنداق بولسىمۇ ئەندىكىپ تۇرۇپ زورىغا يۇيۇندۇم.بەدەن سۇپۇننى كۈچەپ سۈرۋاتمەن، سۈپسۈزۈك سۇ تامچىللىرى بەدىنىمگە نەشتەر بۇلۇپ ئۇرلىۋاتاتتى. قانچە غەيرەتكە كىلىپ يۇيۇنغان بولسام سۇمۇ ماڭا قارشىلىق كۆرسەتكەندەك ،-سىنى بىز پاكلىيالمىدۇقسىنىڭ پەرىشتىدەك ئايالىڭ ئايالىڭنىڭ قوسىقىدا سىنىڭ پەرزەنتىڭ بار سەن شۇلاغا يۈز كىلەلەمسەن دەپ سۇ تامچىللىرىدىن نىدا كىلەتتى.شۇنداق مەن ئۆزەمگە ئوخشىماي قالدىم ،مەن بۇنداق بۇلۇشنى ئويلاپ باقمىغان مەن ئايالىمدىن باشقا ئاياللار بىلەن بىللە بۇلۇپ باقمىغان پاك ئۇغۇللۇق غۇرۇرۇم مانا مۇشۇنداق مەينەت زەي پۇراپ تۇرغان كىچىكىنە ئۆيدە بۇلغاندى.مەن ئايالىمغا يۈز كىلەلمەيمەن مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىدىم. مەن ئەزەلدىن يىغلىمايتىمغۇ،بۈگۈن مەن نىمە قىلىپ قويدۇم ،مەن يىغلاردىغان ئادەممىتىم ؟مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم. مۇنچىدىن چىقىپ تۇرشۇمغا ئۇمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بوپتۇ .

- نىمە يىغلاۋاتامسىز؟نىمانداق ياسالمىلىق قىلىسىز؟ قىلدىغاننى قىلىپ بۇلۇپ قىزبالىدەك يىغلاپ يۈردىڭىزما؟ ۋاي قۇغام ھېلىقى نەرسىڭىز يوقاپ كەتمىگەندۇ؟ ئەتىگەندە ئۇيقۇمنىمۇ ئۇخلاتمىدىڭىز دىگىنىچە، مۇنچىغا كىرىپ كەتتى، ئۇنىڭغا ئۆزەمنىڭ قانداق يىگىت ئىكەنلىكىمنى بىر تۇنۇتۇپ قويماقچى بولغان بولساممۇ ئاخشامقى ئىشلار كاللامدا كىنو لىنتىسدەك ئايان بولدى، ياق مەن ئۇنداق قىلالمايمەن مىنىڭ ئۇنداق قىلدىغان جاسارىتىم سۇنۇپ كەتكەن ئىدى.كۆزلۈرۈمدە لىققىدە ياش يەرگە قارغىنىمچە كىيىملىرىمنى كىيىپ سىرتىقا چىقتىم .ئۆزەممۇ چۈشەنمىگەن ئاساستا ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىسىدا مىڭۋاتمەن،بۇ قەيەر؟ مەن نەگە ماڭدىم؟- ئۇمۇ كالامدا يوق ئىدى. شۇنداق ئايلىنىپ يۈرسەم ئاخشامقى ھايۋان دوستۇم تېلفۇن قىپتۇ،تېلفۇنىمنىڭ ئېكرانىغا قاراپ،ئالايمۇ ئالمايمۇ دەپ ئىككىلنىش ئىلكىدە تېلفۇننى ئالدىم.

- ۋەي ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم؟

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قېنى سەن ماۋۇ خۇتۇنىڭنى تاشلاپ قۇيۇپ نەدە يۈرۋاتسەن.

ھەراس قانداق ئاداش پەيزى بامىكەن دىگەنلىرىنى ئاڭلاپلا تېلفۇننى قويدۇم.ئاچچىق ئازاپلىنىپ قۇلۇمدىكى تېلفۇن سىغىمىدىكى ئايالىمنىڭ سۇرىتىگە قاردىم.تاتلىق خۇتۇن مىنى كەچۈرەلەمسىز؟ مەن سىزگە يۈز كىلەلمەدىغان ئىش قىلىپ قويدۇم.رەسىمگە قاراپ ئۆز-ئۆزەمگە پىچىرلاپ كۆزلىرىمدىن يەنە ياش چىقىشقا باشلىدى.نۇمۇر ساقلاش تىزىملىكىدىن تاتلىقىم دىگەن نۇمۇرغا تېلفۇن قىلدىم.تېلفۇننى دەرۋەقە ئايالىم ئالدى.

-ئەسسالامۇ ئالايكۇم.

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.قانداق ئەخۋالىڭىز؟

-ياخشى ئىرىم،سىزنى كۆگۈم كەلدى.مال ئېپ بولغان بولسىڭىز مىنى كۆرگىلى كىلىڭ سىزنى سىغىندىم تاتلىق ئىرىم.

-ئايالىمنىڭ تاتلىق ماڭا بولغان بۇ سىغىنىش سۆزلىرىگە ئىچىمنى بىر نەرسە تاتلىغاندەك بۇلۇپ كەتتى.

-ماقۇل پەرىشتەم مەن بۈگۈن مالنى ئېپلا قايتاي دەپ گەپ قىلۋېتىپ ئاۋازىم تىتىرەپ كەتتى.

-نىمە مىجەزىڭىز يوقما ؟ئاۋازىڭىز باشقىچىلا ئاڭلىنىپ تۇردىغۇ؟

-ياق شۇ زۇكام بۇلۇپ قاپتىمەن ،ماقۇل ئەمسە ئاللاھقا ئامانەت دەپ تېلفۇننى قويدۇم. ئەسلى مىنىڭمۇ ئايالىمغا تاتلىق پەرىشتەم سىزنى سىغىندىم،سىزنى كۆرگۈم كەلدى دىگىم بولسىمۇ بۇنداق دىيىشكە ئاغزىم كەلمەي قالغان ئىدى.

ئايالىمنىڭ سىزنى سىغىندىم ،مالنى چاققان ئېلىپ كىلىپ مىنى كۆرگىلى كىلىڭ دىگەن گەپلىرىدىن مىنى قاتتىق يىغا تۇتقان ئىدى. كۆزلىرىمدىكى ياشنى شۈنچە تېز ئېيتقان بولساممۇيەنىلا شۇنچە تىز چىقىۋاتاتتى،كوچىدىكى كىشلەر ماڭا قايتا-قايتىلاپ قاراپ قۇيۇپ كىتىپ باراتتى. يىغلىماسلىققا شۇنچە ئىرادە قىلغان بولساممۇ بۇ ئىرادىللىرىم مەندىن ياتلاشقان ئىدى. باشقا ئاغىنىلەرگىمۇ خوشمۇ دىمەي مالنى ئەپلا شۇ ئاخشىمىسىلا يۇرتقا ماڭدىم. يۇرتقا كەپلا دۇكاننىمۇ ئاچماي ئايالىمنىڭ يۇرتىغا قاراپ يول ئالدىم.ئايالىم مىنى شۇنداق قىزغىن قارشى ئالدى قوللۇرۇمنى تۇتۇپ قوسقىڭىز ئاچتىمۇ ،نىمە تاماق يەيسىز،سىزنى ئامراق دەپ چۆچۈرگە تەييارلىق قىلغان ئىدىم سالساملا پىشىدۇ. بۇلانى ئاڭلاپ كۆزلىرىمدىن يەنە ئىختىيارسىز ياش چىقىشقا باشلىدى. ئايالىمنىڭ نىمە بولدىڭىز دەپ قايتا-قايتىلاپ سورىغان سۇئالىدىن بولغان ئىشنىڭ ھەممىنى ئەينەن دىدىم.

گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ئۈنسىز يىغلاشقا باشلىدى. مەن بۇ ئىشلارنى قەلبىمگە پاتقۇزالمىغان ئىدىم.ئاخىرى چىدىيالماي ئايالىمغا ھەممىنى دەۋەتتىم،ئايالىم كۆزلۈرۈمدىكى ياشلارنى ئېيتىپ تۇرۇپ مىنى بەك ئۈمۈتسىزلەندۈردىڭىز.مەن سىزگە قانچىلىك ئىشىنىدىغىنىمنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ دەپ قاتتىق يىغلاشقا باشلىدى.مەنمۇ يىغلاۋاتمەن.قانداق قىلىشىمنى قەتئى بىلىپ بۇلالمىدىم كاللام تاش بۇلۇپ قاتتى.تۇرمۇشىمىزمۇ بۇرۇنقىدىن مەنىسىزلەشتى ئەلۋەتتە.مەن يۇرۇتقا كىلىپ دۇكان ئېچىش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاتتىق ئارىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدىم.قان تەكشۈرگەندىن كىيىن ئۆيدىكى چوڭلارنى سورىدى.ئانام ياشىنىپ قالغان بولغاچقا ئاۋار قىلىشنى خالىمىدىم. نىمئىىش بۇلسا ماڭا ئېتىشنى ئېيتىم

دوختۇر ماڭا مەنىلىك قارۋەتكەندىن كىيىن ، سىز ئەيدىز كسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپسىز،قارسام خېلى غەيرىتىڭىزبار جىگەرلىك بالىكەنسىز،شۇڭلاشقا سىزگە دەۋەردىم ئۇكام.ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ بەك ئىچىڭىزگە ئىلىپ كەتمەڭ دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. دوختۇرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قاققان قۇزۇقتەكلا بۇلۇپ قالدىم.بۇ گەپكە قەتئى ئىشنەلمەيۋاتاتتىم. قايتا قايتا تەكشۈرتسەممۇ نەتىجىسى ئوخشاش بولدى.دوختۇرنىڭ د ىيىشچە مەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسەم بەش ئالتە يىل ياكى بىر ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدىكەنمەن. بۇلارنى ئاڭلاپ ئېچىلالمايدىغان ئولتۇرسام ئولتۇرۇپ قالىدىغان ياتسام يېتىپ قالدىغان بۇلۇپ قالدىم.كاللامدا نە ئارزۇ ئارمان نە دوستلۇق نە مۇھاببەتتىن ئەسەر قالمىغىلى تۇردى.مەندەك روھى ئۆلگەن بەرىبىر ئۈلۈپ كىتىدىغان ئادەمگە بۇلانىڭ نىمە كېرىكى،ئايالىمنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي كۆزى يۇرىدۇ ئوماق بالامنى كۆرۈپ جاھانغا نالە قىلدىم،بالام دەرۋەقە ئۇغۇل ئىدى.لىكىن رىئاللىق ھامان رىئاللىق ئىدى.ماڭا مۇھەببەتلىك قاراۋاتقان ئاپام ئىنىم دادام ئۇرۇق دۇققانلىرىم مىنىڭ پەرىشتە سۇپەت ئايالىم ئەمدىلا دۇنياغا كۆزى يۇرۇغان ئوغلۇم كىچىكىمدىن مىنى چوڭ بىلىپ ئەزىزلەپ كىلىدىغان يېقىن دوست بۇرادەرلىرىم ماڭا ھەرقانچە قىلسىمۇ ياردەم قىلالمايتى.

ئادەم پۇل تاپقانسىرى ئۆزى بىلىپ بىلمەي مۇشۇنداق خاتا يولدا مېڭىپ قالامدىغاندۇ؟مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ياشىسام بولمامدۇ؟ بۇلانى ئويلاپ كۆزلىرىم يەنە ئىختىيارسىز ياشلىنىشقا باشلىدى. ئايالىم كىسىلىمدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن بىز تىرىك مۇردىغا ئايلاندۇق.ئايالىمنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويدۇم ماڭا ئىشىنپ قىلمىغىنى قالمىغان ئايالىمغا قايتۇرغان جاۋابىم مانا مۇشۇ كسەل بۇلۇپ قالدى. ئەمدىلا دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان بالام چوڭ بۇلۇپ مىنى تۇنۇپ بولغۇچە مەن ئاللا بۇرۇن دۇنيادىن خوشلىشىدىغان بولدۇم.بىچارە ئوغلۇم دادىسنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قالدىغان بولدى.بۇلانى ئويلىغۇنىمدا قىلىدىغىنىم يەنىلا يىغلاش بولىدۇ خالاس. مەن ئۆلۈپ كىتمەن. بىر ئىككى يىل يا بولمىسا تۆت بەش ئاي يا بىر ئىككى ئاي مانا بۈگۈنمۇ كەچ بولدى قىممەتلىك ھاياتىمدىن بىركۈن ئازلاپ كەتتى.

مەندىن ئىبرەت بولسۇن ئەزىز قېرنداشلار!ماڭا ئوخشاش ئاچچىق ئازاپلارغا يەم بۇلۇپ كەتمەڭلار ھاياتىڭلارنى قەدىرلەڭلار.مۇشۇ نىجىس كىسەلدىن نېرى تۇرۇڭلار!ئازغىنە ھاياتنىڭ لەزىتىنى مەنىلىك سۈرۈپ ساپ ئۇيغۇر مىللىتىگە خاس تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار! مۇشۇنداق قالايمىغان يوللاردا مېڭىپ قېلىپ ئازاپلىق ئاچچىق ياشلىرىڭلارنى ماڭا ئوخشاش كوچىلاردا سۈرتۈپ يۈرمەڭلار.ئۇغۇللىرىمىز قىزلىرىمىزغا ئىگە بۇلايلى، قىزلىرىمىزمۇ بەختىڭلارنى ھەرگىز تۇزىتىۋەتمەڭلار.

مىلللىتىمنى بۇ نىجىس كىسەلدىن نېرى قىلغىن ئامىن!

بۇ ئەسەر مۇشۇ يەردە تاماملاندى. قەدىرلىك ئۇقۇرمەنلەرنىڭ تەكلىپ پىكىر بىرىشنى ئۈمۈت قىلمىز، ئەسەر جەمئيتىمىزدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ كەڭ تارقاپ كىتىپ بارغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ يېزىلدى.ئاپتورنىڭ ئەسەربىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. قالايمىغان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلمىز.

 

ئەسكەرتىش:بۇ ئەسەر جەمىيتىمىزدە مۇنۇ نىجىس كەسەلنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ كۆپچىلىنىڭ ئىبرەت ئېلىپ قېلىشى ئۈچۈن يېزىپ چىقىلدى ئاپتورنىڭ بۇ ئەسەر بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق .

 

مەنبە:ئۆزقەلەم

 

باشقۇرغۇچىلارغا:مەن ساۋاتسىز بولغاشقا ئىملا خاتالىقىم سەل ئېغىر بۇلۇشى مۇمكىن ئېغىر كۆرمەي تۈزتۈپ قۇيشىڭلارنى سورايمەن!

 

 

باشقۇرغۇچىدىن: ئەسىرىڭىزنىڭ تىلى ئۇبدان چىقىپتۇ!

ئىملا خاتالىقىنى مەن مۇشىنچىلىك تۈزتۈپ قويدۇم. بۇ نىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرشىڭىزنى ئۈمۈت قىمىز. نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى ئايماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلمىز!

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز