تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇ ئاشپۇزۇللىرىغا نەزەر

 ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇ ئاشپۇزۇللىرىغا نەزەر

 

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، ھەممىڭلارغا تېنچ-ئامانلىق، ساغلاملىق يار بولسۇن. يېقىندىن بۇيان، خىزمەتلەر ئالدىراش بولغانلىقى سەۋەبلىك ياخشى ماقالە-ئەسەرلەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنالمىدىم، لېكىن شۇ ئالدىراشچىلىق باھانىسىدا ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان تاماق باھاسى، تاماق مىقدارى ھەققىدە سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش خىيالىدا بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. 
    يېقىندىن بۇيان خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى سىرتتىن كۆپرەك تاماق يەپ قالدىم، بەلكىم ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خىزمەت ئورنى بىلەن ئۆيىنىڭ ئارىلىقىنىڭ يىراق بولۇشى، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشى سەۋەبلىك چۈشتە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سىرتتىكى ئاشپۇزۇللاردىن تاماق يەپ قالىدۇ. لېكىن ھازىر نۇرغۇنلىغان ئاشپۇزۇللاردا ساقلىنىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك مەسىلە تاماق باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشى شۇنداقلا تاماق مىقدارىنىڭ ئازلاپ كېتىشىدۇر.
     تاماقنىڭ باھاسى قانچە قىممەت بولغانسېرى تاماقنىڭ مىقدارى شۇنىڭغا قاراپ كىچىكلەش.
    ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرى بولسۇن ياكى تېز تاماقخانا ۋە ياكى ياخشىراق بېزەلگەن ئاشخانىلار بولسۇن، ھەممىسىدە تاماقنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى. شىددەت بىلەن ئۆرلەشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى مال باھاسى ئۆستى. ھەقىقەتەن مال باھاسى ئۆستىمۇ دېگەندە مال باھاسىدىمۇ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان خېلى ئۆسۈش بولدى. شۇڭا مال باھاسى ئۆستى دېگەن بىر سەۋەب بىزنىڭ تاماق باھاسى توغرۇلۇق گەپ قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى. ئەمدى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى گەرچە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقاشسىمۇ نۇقۇل ھالدا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى باھانە قىلىپ تاماق باھاسىنى ئۆستۈرۈش مېنىڭچە يەنىلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغۇ دەيمەن. ئەمىسە بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە شەكىللىنىدۇ؟ مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى نەتىجىسىدە تاماق باھاسى ئۆستى، بۇنى بىز ھازىرچە قوبۇل قىلىپ تۇرايلى، ئەمىسە نېمە ئۈچۈن تاماقنىڭ مىقدارىدا زور دەرىجىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولدى؟ بىز بۇرۇنقىدەك تاماق يەيمىز دەپ، بۇرۇن 10 يۈەن تۆلەپ لەغمەن يىگەن بولساق ئەمدىلىكتە 15 يۈەن تۆلەپ ئەينى ۋاقىتتا يېگەن تاماقنىڭ يېرىمىنى ئاران يەۋاتىمىز. ئەجىبا بىزنىڭ ئاشۇ ئارتۇق تۆلىگەن 5 يۈەن پۇلىمىز مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكىنىگە تۆلەنگەن پۇل بولماي نېمە؟ بىز يەنە تاماق مىقدارىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن يەنە پۇل خەجلىشىمىز كېرەكمۇ؟ 
    ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرى بىلەن خۇيزۇ ئاشپۇزۇللىرى ئوتتۇرىسىدىكى روشەن سېلىشتۇرما
    بەلكىم نۇرغۇنلىغانلىرىمىز ئوخشاشلا خۇيزۇ ئاشخانىلىرىغا كىرىپ تاماق يەپ باققان. تاماق يەپ باققانلارلا بولسا شۇنى بايقايدۇكى، ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرى بىلەن خۇيزۇلارنىڭ ئاشپۇزۇللىرىنىڭ گەرچە تاماق باھاسى ئوخشاپ كەتسىمۇ لېكىن شۇنىڭغا كۆز يۇمماي تۇرالمايمىزكى خۇيزۇلارنىڭ تاماق مىقدارى ۋە ياكى قورۇغان سەيلىرىنىڭ مىقدارى بولسۇن بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرىدىن بىر ھەسسە كۆپ، سىز تۆلىگەن پۇلىڭىزغا خېلى رازى بولۇپ ئاشخانىدىن چىقىپ كېتىسىز. مانا بۇ روشەن سېلىشتۇرما زادى نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟ ئەجىبا ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرى ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللار بىلەن باشقا ئاشپۇزۇللار ئىشلىتىدىغان ماتېرىيالدا پەرق بارمۇ؟ مېنىڭچە ئۇنچە روشەن پەرق يوق. باھا ئوخشاش، مىقدار ئوخشاش ئەمەس. بۇ زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تاماق باھاسىغا تەسىر كۆرسەتسىمۇ لېكىن تاماقنىڭ مىقدارىغا تەسىر كۆرسەتمىسە بولاتتى.
    تاماق باھا تالىشىشقا بولمايدىغان كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر ئايرىلالمايدىغان زۆرۈرىيەت
    بىزكېيىم-كېچەك ۋە ياكى باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى سېتىۋالغىلى چىققاندا باھا تالىشالايمىز، خالىساق ئالىمىز، خالىمىساق ئالمايمىز. لېكىن تاماقنى ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، تورداشلىرىمىز ئىچىدە بىرەر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق باھاسىنى تالىشىپ باققانلار يوققۇ دەيمەن. تاماق كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ، چۈنكى بىزنىڭ ئۈچ ۋاخ قورسىقىمىز ئاچىدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا ھازىرقى ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق كۆرەڭلەپ كېتىشىنىڭ ئارقىدا بىزنىڭ دەل مۇشۇنداق ئۈچ ۋاخ ئېھتىياجلىق بولىدىغان، خالىساقمۇ يەيدىغان، خالىمىساقمۇ چوقۇم يېمىسەك بولمايدىغان ئېھتىياجىمىز يوشۇرۇنغان. مانا بۇ ئېھتىياج سەۋەبلىك بىز كۈندە ئاشۇنداق ئاشخانىلارغا بېىرىشقا مۇھتاج بولىمىز، باھا تالىشالمايمىز، ئاشخانا مۇلازىمەتچىلىرى ياكى ئاشخانا خوجايىنى يېسىڭىز يەڭ، يېمىسىڭىز مەيلى دەپ قاراپ تۇرىۋېرىدۇ.مۇشۇنداق شارائىتتا سىز يەنىلا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسىز. 
     ئەمدى ئاشۇ ئاشخانا خوجايىنلىرىغا دېمەكچى بولغىنىم، تاماق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تاماقلىرىمىزنىڭ مىقدارى ئازىيىپ كەتمىسۇن، خەلق ھەقىقەتەن سىلەرگە ئېھتىياجلىق، شۇنچە پۇل تۆلەپ ئاشخانىغا كىرىپ قورساق تويماي چىقىپ كەتسە ۋىجدانىڭلار بىلەن ئويلاپ بېقىڭلار بۇنىڭغا زادى نېمە سەۋەبچى؟ مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىمۇ، تاماق مىقدارىنىڭ ئازىيشىمۇ، ئاشخانا خوجايىنىمۇ ياكى خېرىدارمۇ؟؟؟

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز