چاسا ھايات
ئابدۇقادىر مەتسىدىق
(چىرا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن)
شېئىر سىزىپ ئۆتتۈڭ نەچچە يىل،
بولالمىدىڭ رەسسام يا شائىر.
بولۇپ قالدى بېشىڭ تۆت چاسا،
قايناپ تۇرار بۇرجەكلىك پىكىر.
دېرىزىگە قاپتۇ ئايلىنىپ،
چېكەڭدىكى دۈپ-دۈگىلەك كۆز.
ئېغىزىڭنىڭ تۆت بۇرجىكى بار،
خىش قۇيغاندەك تۆكۈلىدۇ سۆز.
قۇلىقىڭمۇ ئوخشايدۇ قەرتكە،
خۇشياقمايدۇ بۇرجىكى يوق گەپ.
پۇتلىرىڭدا تۆت چاسا ئاياغ،
بىلىنمەيدۇ ئىزىڭدا ئوڭ-چەپ.
بەلكى كۆزۈڭ يۇمۇلغاندىمۇ،
ياسىلىدۇ گۈمبىزىڭ چاسا.
ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنىپ بىراق،
كىم يۈرەكتىن ئاچاركىن ھازا؟