شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
1. تۇخۇ تۇخۇمى ئېقى بىر دانە، ئادەمگىياھدىن ئالتە گرام ئېلىپ، ئادەمگىياھنى تالقانلاپ، تۇخۇم ئېقىغا ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە بىر قېتىم، 10 كۈن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، دىئابىت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. ئۆردەك گۆشىدىن بىر دانە، شىقىلداقتىن 60 گرام، شاقاقۇلدىن 50 گرام، پىياز، زەنجىۋىلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئۆردەك گۆشى شاقاقۇل، شىقىلداقنى سۇدا پىشۇرۇپ، تاماقتىن كېيىن، شورپىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، دىئابىت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. ھەرخىل بېلىق گۆشلىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، دىئابىت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ، بېلىقنى ئىمكانقەدەر مايدا پىشۇرۇپ لازىم.
4. كەكلىك گۆشنى دوخوپكىدا ياكى تونۇردا كاۋاپ قىلىپ يەپ بەرسە، دىئابىت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. كەپتەر باچكىسىنى كاۋاپ قىلىپ يەپ بەرسە، دىئابىت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
6. قوينىڭ كاللا، پاقالچاقلىرىنى ياخشى پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، دىئابىت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
7. چۈجە گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ يەپ بەرسە، دىئابىت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
8. 30 گرام قۇرۇتۇلغان پىلە مايىقىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن سۇس ئوتتا قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، كۈندە ئۈچ ۋاق مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، دىئابىت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.