مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسى ئۇچۇرى : گەرچە ئىنسان ھاياتىنىڭ 1/3 قىسىم ۋاقتىنى ئۇخلاشقا سەرپ قىلسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۇيقىسى ئانچە ياخشى ئەمەس، بىلەمسىز قۇرامىغا يەتكەن كىشىنىڭ ھەر كۈندىكى ئۇخلاش ۋاقتى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 6-8 سائەتكىچە بولۇشى كېرەك، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى بىر قىسىم كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۇيقۇڭىز يېتەرلىكمۇ؟ تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بەلكىم سىزنىڭ ئۇيقۇڭىزنىڭ ياخشى بولۇشىغا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.
(1) ياتاق ئۆيىڭىزگە قېلىن بولغان پەردە ئېسىڭ، بۇنداق بولغاندا ياتاق ئۆيىڭىزگە يورۇقلۇق كىرەممەيدۇ.
(2) ھەر كۈنى ۋاقتىدا يېتىپ، ۋاقتىدا تۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ، ھەتتا دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ ئوخشاش بولسۇن.
(3) ئۇخلاشتىن بىر ئىككى سائەت بۇرۇن ئىسسىق سۇدا يۇيىنىڭ ( لېكىن ئۇخلاش ئالدىدا ئەمەس).
(4) كارۋاتقا چىقىۋېلىپ كىتاپ كۆرۈدىغان، خىزمەت قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ، كارۋاتنى پەقەت ئۇخلاشقىلا ئىشىلتىڭ.