ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قېرىپ كېتىشىدىن ، كېسەل بولۇپ قېلىشىدىن ، گالۋاڭلىشىپ قېلىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيدۇ . ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 22–مارتتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ، گەرچە ئادەم ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ، بەدىنىدىكى بىر قىسىم ئورگانىزىملار ئاجىزلىشىشقا باشلىسىمۇ ، ئەمما چوڭ مېڭە ناھايىتى نورمال ھالەتتە بولىدىكەن .
ئامېرىكا سېئاتل تەتقىقات ئورگىنىنىڭ 1956–يىلى باشلانغان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ئالاقىدار بىر تۈرلۈك تەتقىقاتى ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ، دائىرىسى ئەڭ كەڭ ، ئەڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتلارنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ 6000 ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى 40 يىلغا يېقىن كۆزەتكەن . تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە ، 40ياشتىن 60ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئەڭ مۇرەككەپ ھەم مۇھىم بولغان بىلىش قابىليىتى تەرەپتە ئىپادىسى بەك قالتىس بولىدىكەن ، ھەتتا ئۆزىنىڭ 20 ياش ۋاقتىدىكى ئىقتىدارىدىنمۇ ھالقىپ كېتىدىكەن . ئەرلەرنىڭ 50ياشتىن 60ياشقا يېقىنلاشقان ۋاقتى ئەڭ ياخشى ياش مەزگىلى ، ئاياللارنىڭ 60نەچچە ياش ۋاقىتلىرى ئەڭ ياخشى ياش مەزگىلى بولىدىكەن .
ئادەم ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندە ، نۇرغۇن ياشلاردا يوق ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ ، ئادەم ، خىزمەت ۋە سەرمايە يۈرۈشتۈرۈشكە قارىتا تېخىمۇ توغرا بولغان ھۆكۈم چىقىرالايدىكەن ، بىرلا ۋاقىتتا ئوڭ – سول مېڭىسىنى ئىشلىتىپ مەسلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىكەن ، ئىشلارغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىيالايدىكەن