تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بۇ گۇماندارلارنىڭ قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللىنەمدۇ ؟

  دېلو ئەھۋالى: ئەمەت، ئالىم، پۇرقەتلەر ئالىمنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ ھاراق ئىچىشكەن. ئالىم ناخشا ئېيتىدىغان يەرگە ئاپىرىدىغان بىرەرسىنى تېپىش مەسلىھەتىنى بەرگەندە، پۇرقەت ئادىلغا تېلېفون قىلىپ ئۇنى ئالىمنىڭ ئۆيىگە چاقىرغان. ئۇلار ھاراق ئىچىشىپ ئولتۇرغاندا، ئالىم قاتارلىقلار ئادىلغا ‹‹رېستوران››غا ئاپىرىپ مېھمان قىلىشنى ئېيتقان. ئادىل يېنىدا كۆپ پۇل يوقلۇقىنى، كېيىن مېھمان قىلىشنى ئېيتقاندا، ئۇلار ئادىلنى ئۇرغان. ئادىل يېنىدا بار 82 يۈەننى چىقارغاندا، ئەمەت ئۇنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ، يېنىدا راستىنلا پۇل يوقلۇقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يېنىدىكى 300 يۈەننى چىقىرىپ، باشقىلارنىڭمۇ ئازراقتىن چىقىرىشىنى، ئادىلنىڭ يەنە پۇل قەرز ئېلىپ كېلىشىنى ئېيتقان.


   تەھلىل: يۇقىرىقى دېلوغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراش شەكىللەنگەن. بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر: ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قارىغان. ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر: ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش قىلمىشى بولۇپ، جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ. ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى بويىچە جازا بېرىش كېرەك، دەپ قارىغان.


   مېنىڭچە، ئىككىنچى خىل قاراش توغرا. دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنى نەزەرىيەسىدە، مەلۇم بىر قىلمىشنىڭ جىنايەت ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشتە، چوقۇم ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئومۇميۇزلۈك ئويلىنىش، ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئۆزئارا بىردەك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش تەكىتلەنگەن. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن قارىغاندا، ئەمەت قاتارلىقلارنىڭ قىلمىشى بۇلاڭچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن. لېكىن سۇبيېكتىپ جەھەتتىن قارىغاندا، ئەمەت قاتارلىقلارنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتى يوق. ئەمەتنىڭ ئادىلنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ، راستىنلا پۇل يوقلۇقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزى 300 يۈەن چىقارغانلىقى، باشقىلارنىڭمۇ ئازراقتىن پۇل چىقىرىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن ئۇنىڭ ئادىلنىڭ پۇلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش غەرىزىنىڭ يوقلۇقىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئەمەت قاتارلىقلارغا بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بېكىتكەندە، سۇبيېكتىپ جەھەتتە قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىنىڭ بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرمەيلا، ئوبيېكتىپ جەھەتتىنلا تەكشۈرۈپ بېكىتىش جىنايى ئىشلار قانۇن نەزەرىيەسىدىكى جىنايەت شەكىللىنىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، ئاسانلا خاتالىق يۈز بېرىدۇ.


   ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ‹‹ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھات››ىنىڭ 1 – ماددىسىدا، قىلمىشچىلاردىن ئاچچىقىنى چىقىرىش، ئىچىنى بوشىتىۋېلىش، نوچىلىقىنى كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلىپ، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 293 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلارنى ‹‹ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقارغانلار›› دەپ بېكىتىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. مەزكۇر دېلودا ئەمەت قاتارلىقلار نوچىلىقىنى كۆرسىتىش، ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئادىلنى خالىغانچە ئۇرۇپ، پۇلىنى مەجبۇرىي چىقارغۇزغانلىقى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىدىكى ‹‹باشقىلارنى خالىغانچە ئۇرۇش›› ۋە ‹‹جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل – مېلىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋالغان ياكى خالىغانچە بۇزۇۋەتكەن، ئىگىلىۋالغانلار›› دېگەن ئالاھىدىلىككە ئۇيغۇن. لېكىن ‹‹ئىزاھات››نىڭ 2 –، 4 – ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، ئەمەت قاتارلىقلارنىڭ قىلمىشى ‹‹قىلمىشى قەبىھ›› ياكى ‹‹قىلمىشى ئېغىر›› دېگەن ئۆلچەمگە يەتمىگەن. دېمەك، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللەنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش قىلمىشى بولۇپ، ئامانلىق جازا قانۇنىغا خىلاپ.


مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى


ئەسلى مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز