تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەتىگەندە 10 مىنۇت بۇرۇن تۇرۇپ بۇ ھەرىكەتلەرنى ئىشلىسىڭىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىز!

ئەتىگەن تۇرۇپ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭىز نېمە؟ ئەمىلىيەتتە ئەتىگەندە بىزنىڭ «ئالتۇن10مىنۇت» ۋاقتىمىز بار، ئەگەر بۇ ۋاقىتتىن ياخشى پايدىلىنالىساق، 10يىل ئارتۇق ياشايمىز!

1. ئىككى قولنى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش—مۈرە ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ

ئىككى قولىڭىزنى تېز سۈرئەتتە بىر-بىرىگە 300 قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرسىڭىز، ئالقىنىڭىزنىڭ جىڭلو پەللىسى غىدىقلىنىپ، ئالتە قانالنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىچكى ئەزالارنى كۈچەيتىپ،مۇئەننەس ۋە مۇزەككەرنى تەڭشەيدۇ.مۈرە ئاغرىقىنى، كۆزنىڭ ھارغىنلىقىنى پەسەيتىدۇ.

2. بارماق بىلەن باشنى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش

بارمىقىمىز بىلەن پېشانىمىزدىن ئارقا مېڭىمىزگىچە 2-4 قېتىم (ھەر سېكۇنت) ئۇۋۇلايمىز، بۇنداقتا مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشى ياخشى بولۇپ، چاچ يىلتىزى ئوزۇقلىنىپ، چېچىمىز ھەم قارا ھەم پارقىراق بولىدۇ.

3. قۇلاق يۆگىمىكىنى يىنىككىدە بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش

ئىككى قولىمىز بىلەن قۇلاق يۆگىمىكىنى قىزىغىچە يىنىك ئۇۋۇلايمىز. ھەيزنى راۋان قىلىش، ئىسسىقلىق تارقىتىش، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش رولى بار. بولۇپمۇ قۇلاق غۇلۇڭداش، كۆز تورلىشىش، ئۇنتۇغاقلىقنى داۋالايدۇ.

4. كۆز قارچۇقىنى بىر مىنۇت ئايلاندۇرۇش

كۆز قارچۇقىنى ئايرىم ھالدا سائەت ئىستېرىلكىسى ۋە سائەت ئىستېرىلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە 30 قېتىم ئايلاندۇرسا، ئادەمنى روھلاندۇرۇش، كۆز مۇسكۇلىنى كۈچەيتىش، ئاستا خاراكتېرلىك كۆز پەردىسى ياللۇغىنى داۋالاش، يىراقنى كۆرەلمەسلىق قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ.

5. باشمالتاق بىلەن بۇرۇننى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش

ئىككى قولىمىزنىڭ باشمالتىقى بىلەن بۇرنىمىزنى ئاستى-ئۈستىگە 50 قېتىم ئۇۋۇلىساق، يەلنى يوقىتىدۇ، ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، زۇكام، ئۈستۈنكى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، كانايچە ياللۇغى ھەتتا يۈرەك كېسىلى، ئارتېرىيە قېتىتىش قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ.

6. بىر مىنۇتتا چىش چاكىلتىدىش ۋە تىل يۆگەش

چىشنى چاكىلتىدىپ بەرسىڭىز چىش يىلتىزى ۋە چىش مىلىكىگە قان تولۇقلايدۇ، تىلىڭىزنى يۆگەپ بەرسىڭىز تىلنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ.

7. كىندىكنى بىر مىنۇت يېنىك ئۇۋۇلاش

ئىككى قولىڭىزنىڭ ئالقان مەركىزى بىلەن كىندىكىڭىزنى سائەت ئىستېرىلكىسى يۆنىلىشى بويىچە ئۇۋۇلاپ بەرسىڭىز، ئاشقازان-ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

8. بىر مىنۇتتا قورساقنى ئىچىگە تارتىپ، يانپاشنى كۆتۈرۈش مەشىقىنى ئىشلەش

بۇ ھەرىكەتنى ئىشلەپ بەرگەندە يانپاش قورۇغۇچى مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

9. پۇت-قوللارنى بىر مىنۇت ئۇزۇنسىغا سۇنۇش

ياتقاندا قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشى ئاستا بولىدۇ، قان پۇت-قولىمىزغا يىغىلىۋالىدۇ. پۇت-قولىمىزنى سوزۇپ بەرسەك، قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىپ يۈرەك ۋە مېڭىنى يېتەرلىك ئوكسېگىن ۋە قان بىلەن تەمىنلەيدۇ.

10. پۇت ئۆكچىسى بىلەن پۇت ئالقىنىنى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش

ئوڭدا يېتىپ ئىككى پۇتىڭىزنىڭ ئۆكچىسى بىلەن پۇت ئالقىنىنى ئۇۋۇلاپ بەرسىڭىز، بۆرەكنى كۈچەيتىپ، جىگەرنى ياخشىلاپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى ساغلاملىق گىمناستىكىسىنى داۋاملىق ئىشلەپ بەرسىڭىز، تېنىڭىز تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.

1. بەل ۋە پۇتنى180 گرادۇس ھەرىكەتلەندۈرۈش

ئىقتىدارى: بەدەننىڭ ئەۋرىشىملىك دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ، قورساق ئىچىگە كىرىدۇ، مۇسكۇللار سوزۇلىدۇ.

2. مۈرە كۆتۈرۈش ھەرىكىتى

ئىقتىدارى: مۈرە ئاغرىشنى پەسەيتىدۇ

3. ئاستى-ئۈستى، ئوڭ-سولغا قاراش-كۆز ھەرىكىتى

ئىقتىدارى: كۆز ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ

4. بويۇن ئايلاندۇرۇش—بويۇن ھەرىكىتى

ئىقتىدارى: بويۇن ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مېڭىنىڭ سەگەكلىكىنى ئاشۇرىدۇ.

5. مۇسكۇل ئايلاندۇرۇش—سوزۇش ھەرىكىتى

ئىقتىدارى: قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇسكۇل بوشىتىدۇ.

كۆپچىلىكنىڭ تېلېفوننى قويۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم يېنىكلەپ، روھلىنىپ قالىسىز.



ئەسلى مەنبەسى: خەنزۇچە تور بەت
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز