تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يۈرەكتە مەسىلە بار كىشىلەر جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئېھتىيات قىلىش كېرەك

يۈرەكتە مەسىلە بار كىشىلەر جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئېھتىيات قىلىش كېرەك

  يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدا دائىم زىددىيەت تۇغۇلىشى مۇمكىن. بىر تەرەپتىن جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ شېرىن ھوزۇرى ئارقىلىق خۇشاللىق ۋە مەمنۇنلۇق تېپىپ، ئەر–ئاياللىق ھىسياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەلپۈنسە، يەنە بىر تەرەپتىن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ يۈرەك بىئاراملىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

 ئەمەلىيەتتە، يۈرەك ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىق جىنسىي مۇناسىۋەتكە خاتىمە بېرىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. دۇنياغا داڭلىق يۈرەك كېسىلى تەتقىقات مەركىزىگە قاراشلىق مېيئاۋ شىپاخانىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، سوزۇلما خاراكتىرلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇۋاپىق ۋە ساغلام ئېلىپ بېرىلغان جىنسىي مۇناسىۋەت يۈرەككە زىيان يەتكۈزمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە، يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتىن پەرھىز قىلىشتىن كېلىپ چىققان مەيۈسلۈك ۋە تەشۋىشلىنىشنى يوقۇتۇپ، سالامەتلىكنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەن.

سوزۇلما خارەكتىرلىك يۈرەك كېسەل بىمارلىرىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئۆتكۈزەلمەسلىكىدە، مۇھىمى يۈرەك ئىقتىدار دەرىجىسىگە قاراش كېرەك.

   كېلىنىكىدا تۆۋەندىكىدەك ئاددىي سىناق ئۇسۇلى بار : ئىككى قەۋەت پەلەمپەيدىن چىققاندىن كېيىن ياكى تېز سۈرئەتتە 4-5 مىنۇت پىيادە ماڭغاندىن كېيىن  دەم سىقىلىش، يۈرەك تېز سېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلەمدۇ يوق، ئەگەر كۆرۈلمىسە، يۈرەك جىنسىي مۇناسىۋەت كۈچىنىشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ. لېكىن ئالدىنقى شەرت، يېقىن مەزگىلدە سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىك جىددىي قوزغالمىغان بولۇشى، تۇراقلىق مەزگىلىدە بولغان بولۇشى كېرەك.

يۈرەكتە مەسىلە بار كىشىلەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، مۇقەددىمە باسقۇچىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. قۇچاقلىشىش، سۆيۈشۈش، سىيلىشىش قاتارلىق ھەركەتلەر ئارقىلىق، ئاستا–ئاستا بەدەن قىزىتىش لازىم. جىنسىي مۇناسىۋەت رېتىمى ۋە سىجىللىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، زىيادە كۈچەپ كەتمەسلىك، قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى، يۈرەك بېسىمىنى ئاشۇرىۋەتمەسلىكى كېرەك.

  داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ئادەتتە كۆپ خىل دورا ئىستىمال قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىرقىسىم دورىلار جىنسىي ئىقتىدارغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، مەركىزى نېرۋىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىلىرى، سىمپاتىك نېرۋىنى تورمۇزلىغۇچى دورىلار، لى شۈە پىڭ تۈرىدىكى دورىلار، سۈيدۈك ھەيدەش تۈرىدىكى دورىلار، بىر قىسىم قان تومۇر كېڭەيتكۈچى دورىلار جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. دورىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارغا بولغان ئەكس تەسىرى ئادەتتە ئىستىمال قىلىش مىقدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، يەنى، مىقدارى قانچە كۆپ  بولسا، جىسنىي ئىقتىدارغا بولغان تەسىرى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، شۇڭا دورا مىقدارىنى تەڭشەش ئارقىلىق جىنسىي ئىقتىدارنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. لېكىن دورا تەڭشەش مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشى شەرت. يەنە بىر قىسىم يۈرەك كېسەل بىمارلىرىنىڭ جىنسىي ئىقتىدار مەسىلىسى پىسخىكا ئامىلىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ، بۇ خىل كىشىلەرگە جىنسىي ئوبېكتى كۆپرەك مەدەت بېرىشى، ياكى مەخسۇس دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ تۇرىشى لازىم.

  ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارغا نىسبەتەن، جىنسىي مۇناسىۋەت ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تەبىئىي بولۇش، ئۆزىنى زورلىماسلىق، ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان پىرىنسىپتا ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. ئەگەر ھەقىقىي يوسۇندىكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە قۇربى يەتمىگەندە، سىيلىشىش، سۆيۈشۈش، قۇچاقلىشىش قاتارلىق جىنسىي مۇناسىۋەت شەكلى بىلەن تەلەپ قاندۇرۇلسىمۇ بولىدۇ. 

مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مەركىزى تەييارلىدى.

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز