تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللار بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزسە تېخىمۇ ئاسان ھامىلدار بولىدۇ

ئاياللار بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزسە تېخىمۇ ئاسان ھامىلدار بولىدۇ



[يەرشارى تورى خەۋىرى]  جەمئىيەت تەرققىياتى ، يېڭى ئىدىيەلەرنىڭ ئالمىشىش سۈرئىتى يۇقىرى بولۇشىغا ئەگىشىپ،بولۇپمۇ خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقى، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىكى  سەۋەبىدىن ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ ھامىلدار بولۇشى بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتىدۇ. 

  بۈگۈن، ئەنگىلىيەتنىڭ "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى" 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋېرىدە دوكىلات قىلىنىشىچە، تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزسە ئاياللار  تېخىمۇ ئاسان ھامىلدار بولالايدىكەن. 


  نۇرغۇن ئاياللار ئاساسەن تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تاللايدىغان بولۇپ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ھامىلدار بولۇش مەزگىلىگە سەل قارالغان. نۇرغۇنلىغان ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئاياللارنىڭ دەۋرىلىنىش ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئاياللار ھېيىز كۆرگەندىن كېيىنكى 12-كۈنىنى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ۋاقتى قىلىپ تاللايدۇ. بەزى ئاياللارنىڭ دەۋرىلىنىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، تۇخۇم چىقىرىش ۋاقتى ھېيىز كېلىپ توختىغاندىن كېيىنكى 25-كۈنىگە كېچىكىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئاياللار ئەڭ ياخشى ھامىلدار بولۇش مەزگىلىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. 

  تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قانۇنىيەتلىك جىنسىي تۇرمۇش ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشىدا چوقۇم بولۇشى كېرەك. قانۇنىيەتلىك جىنسىي تۇرمۇش ئاياللارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە يېتەرلىك ئۇرۇق بىلەن بىرىكىپ، ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈردىۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇنىيەتلىك جىنسىي تۇرمۇش قېرىپ قالغان ئۇرۇقنى شاللىۋېتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇتەخەسىسلەر شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشى ئەڭ ياخشى  نىسبەتتە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قېتىملىقىنى تۇخۇم چىقىرىشتىن ببىر كۈن بۇرۇن، يەنە بىر قېتىملىقىنى تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە، ئەڭ ئاخىرقىسىنى تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. 




ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز