كوماك
(بالىلار ھېكايسى)
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى
ياشار «ئېلىپبە»نى تۈگىتىپ، كىتابنى يامىداپ ئوقۇيالايدىغان بولغاندا ئىككى ئۇدۇل چىشى چۈشۈپ كەتتى. چىشى چۈشۈپ كەتكەندە ئانچە ئاغرىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ياشارغا سىنىپتىكى بارلىق ساۋاقداشلىرى ئۇنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.
«مومام چىش دېگەن قېرىغاندا چۈشۈپ كېتىدۇ، دەۋاتاتتى. قارىغاندا مەن قېرىغان ئوخشىمامدىمەن؟» ياشارنىڭ بۇ خىيالى ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلدى. شۇڭا، ئۇ سىنىپتا دەرس ئاڭلاۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇ قىلىقى پۈتۈن زېھنى بىلەن دەرس ئۆتۈۋاتقان تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى.
— ياشار، ئورنىڭدىن تۇرە !
ياشار ئورنىدىن تۇرۇپ بېشىنى ساڭگىلاتتى.
— دەرس ۋاقتىدا نېمىشقا بىكاردىن – بىكار ھىجىيىسەن؟ مەن بۇ يەردە دەرس ئۆتۈۋاتسام خىيالىڭ نەدە قانات قېقىۋاتىدۇ سېنىڭ !؟ — تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەسمۇ – قانداق، بۈگۈن باشقىچىلا خاپا بولۇپ كەتتى . ياشار گەپ قىلماي بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇردى .
— ئۇنداق بولسا ماۋۇ دوسكىدىكى خەتلەرنى ئوقۇپ باققىن !
دوسكىدا بىر يۈرۈش خەتلەر قاتار سىزىقلىق تۇراتتى.
— دوسكىدىكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇيالامسەن – ئوقۇيالمامسەن؟— ئاچچىقى تېخى يانمىغان تۇرسۇن مۇئەللىم ۋارقىراپ سورىدى. ياشار دوسكىغا قاراپ قويغاندىن كېيىن ئىشەنچلىك جاۋاب بەردى :
— ئوقۇيالايمەن.
— ئەمىسە ئوقۇپ باقە.
ياشار دوسكىدىكى خەتلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇشقا باشلىدى.
— يەگەتكە، يادىيو، يوشەن — ... ئۇنىڭ ئۇدۇل ئىككى چىشى بولمىغاچقا «ر»نى ھەرقانچە قىلسىمۇ توغرا ئوقۇيالمىدى. بالىلارنىڭ ئارىسىدا پىخىلدىغان، خىرىلىدىغان كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ياشار ئۆزىنىڭ «ر»نى «يى» دەپ تەلەپپۇز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي، تېخىمۇ كۈچەپ ئوقۇيتتى،— ياۋاپ، يازى، يېزىنگە...
ئەمدى بالىلار رەسمىي پاراقلاپ كۈلۈپ كەتتى . بولۇپمۇ ياشار بىلەن تولا ئېيتىشىدىغان جۇشقۇننىڭ كۈلكىسى ھەممىدىن كۈچلۈك ئاڭلىناتتى . تۇرسۇن مۇئەللىم بالىلارنى تىنچلاندۇرۇپ ياشارنى ناھايىتى ياخشى ئوقۇدى، دەپ ماختىدى. بىراق، جۇشقۇن ياشار خاتا ئوقۇغان تۇرسا، دەپ نارازىلىق بىلدۈردى. باشقا بالىلارمۇ غودۇڭشۇپ كەتتى.
تەنەپپۇستا ياشار بىلەن جۇشقۇن تاكاللىشىپ قالدى:
— مۇئەللىم ياخشى ئوقۇدى دەۋاتسا، سەن نېمىنى بىلەتتىڭ؟
— سەن «ر»نى «يى» دەپ ئوقۇغان تۇرساڭ، كوماك بولغاندىكىن باشقا ئامال يوقتە ساڭا.
جۇشقۇننىڭ بۇ گېپىدىن كېيىن باشقا بالىلارمۇ پاراقلاپ كۈلۈشتى. ياشار ئاچچىقىدا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى.
نەچچە كۈندىن كېيىن جۇشقۇننىڭ ئۇدۇل ئىككى چىشى چۈشۈپ كەتتى. ياشار بىلەن جۇشقۇننىڭ ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشتىن خەۋىرى بار تۇرسۇن مۇئەللىم جۇشقۇنغا دوسكىدىكى خەتلەرنى ئوقۇتتى.
— ياۋاپ، يەگەتگە، يېزىنگە،— جۇشقۇن ھەرقانچە قىلىپمۇ «ر»نى توغرا دېيەلمىدى. بۇ چاغدا سىنىپتىكى باشقا بالىلار كۈلمەي جىم ئولتۇراتتى. چۈنكى سىنىپتا كوماكلار كۆپىيىپ قالغانىدى.