تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بەيدۇ شىركىتىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئەڭ ئادىل، ئەڭ قولايلىق، ئىزدىگەن ئۇچۇرنى تېپىش

-بەيدۇ شىركىتى شوئارى


بەيدۇ يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ خەنزۇچە ئىزدەش ماتورى، ئەڭ چوڭ بولغان خەنزۇچە تور بېكەت.

2000-يىلى 1-ئايدا بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۇندە قۇرۇلغان.

1999-يىلى ئامېرىكا كىرىمنىي جىلغىسىدا تۇرۇۋاتقان --李彦宏--جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى ھەم خەنزۇچە ئىزدەش مۇلازىمىتىنىڭ يوشۇرۇن تەرەققىيات  كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايقاپ 《تېخنىكا دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ》دېگەن قاراش بىلەن، كېرىمنىي جىلغىسىدىكى يۇقىرى تەمىناتلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ،‹‹ئىزدەش ماتورى›› پاتېنتلىق تېخنىكىسىنى بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ ، 2000-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگۇەنسۇندە، دەسلەپتە 10 ئادەمگىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتتىن بۈگۈنكى ئىشچى خىزمەتچىلىرى 18000 مىڭدىن ئاشىدىغان بەيدۇ شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. ھازىرقى بەيدۇ شىركىتى،جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ بولغان خەنزۇچە تور بېكەتكە ئايلاندى. قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، كىشىلەرگە ‹‹ئەڭ ئادىل،ئەڭ قولايلىق، ئىزدىگەن ئۇچۇرنى تاپالىسۇن›› دېگەننى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىپ كەلدى. شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، ‹‹ئابۇنتنى  نىشان قىلىش››غايىسى بويىچە، تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، يەنىمۇ تېرىشىپ ئابۇنتلار ئۈچۈن ئەڭ ئاددىي،ئەڭ ئىشەنچلىك مەھسۇلات ئىزدەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىزدەشنى ئاساس قىلىپ، ئىقتىدارلىق ئىزدەش، چاپلاشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، دائىرىلىك ئىزدەش، ھەر ساھە، ھەر كەسىپكە قارتا بىۋاسىتە ئىزدەش، MP3 ئىزدەش. قانال ئىزدەش قاتارلىقلار بار بولۇپ، دۇنيانىڭ  خەنزۇ يېزىقىدىكى تورغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلدى. نوپۇزلۇق ئورۇنلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بەيدۇنىڭ جۇڭگودىكى ئىزدەشچانلىقى  %80 تىن ئېشىپ كەتكەن. ئابۇنتلارنىڭ مەھسۇلات ئىزدەش تەلىپىنىڭ يۇقىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بەيدۇ يەنە يېڭىدىن ئىزدەلگەن مەھسۇلاتقا قارتا كېڭەيتىپ سېتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى ھەمدە مەھسۇلات كېڭەيتىپ سېتىش سۇپىسى كارخانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگودىكى يۈز مىڭدىن  ئارتۇق كارخانا بەيدۇنىڭ كېڭەيتىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزىنىڭ  ماركىسى ۋە سېتىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. سودا ھالىتىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بەيدۇ شىركىتىمۇ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ئاساستا باشلامچىلىق بىلەن، پۈتكۈل ئىنتېرنېت كەسپى ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ  ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى  يۇقىرى  كۆتۈرۈش  شۇنداقلا جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئايلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا. بەيدۇ شىركىتى ئېلىمىزدىكى نوپۇزلۇق كارخانا بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىدە بار بولغان ئەۋزەللىكنى ئاكتىپلىق بىلەن جەمئىيەت ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلەتتى، ئالدى-كەينى بولۇپ زور مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئەمالار، ياش-ئۆسمۈرلەر، ياشانغان خەلق ئاممىسى ئۇچۇن مەخسۇس مەھسۇلات ئىزدەش، ئالاھىدە ئامما ئۈچۈن تورغا چىقىش قىيىن بۇلۇش مەسىلىسى، ئۇچۇر بوشلۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى  كەڭ كۆلەمدە  ھەل قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ ئۇچۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش، پاكىزە تور مۇھىتى بەرپا قىلىش، ئىزدەش موتورى مائارىپى ھەمدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش   تەرەپلەردە، بەيدۇ يەنە ئۈزلۈكسىز ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.

2011-يىلنىڭ بېشىدا، بەيدۇ يەنە ئالايىتەن بەيدۇ ئىئانە فوندىنى قۇرۇپ، بىلىم-مائارىپ، مۇھىت ئاسراش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياردىمى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا، يەنىمۇ سىستېمىلىق ھالدا جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتتى. 2009-يىلى بەيدۇ شىركىتى يېڭىدىن رامكا ھېسابلاش ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەم مۇشۇ ئۇقۇم ئارقىلىق بەيدۇ ئېچىۋېتىلگەن سۇپىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئۈچىنچى تەرەپ ئاچقۇچى ياكى پروگراممىرلارنىڭ  ئىنتېرنېت تورى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە  ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تور ئابونتلىرىنىڭ  ئىنتېرنېت تورىنى ئىشلىتىشى بىلەن بىرگە ئابونتلارنىڭ تەلەپلىرىنى تەتقىق قىلدى ۋە شۇ ئاساستا كەسىپتە يېڭىلىق يېڭى دولقۇنىنى يۇقىرى كۆتۈردى. شۇ ئارقىلىق جۇڭگو ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى. جۇڭگو ئىنتېرنېت تورىنىڭ يەككە ئابونتردىن كۆچمە ئابۇنترغا قاراپ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، بەيدۇ شىركىتىمۇ ئاكتىپ ھالدا جەڭ ئىستراتېگىيەسىنى كەڭ كۆچمە ۋە بۇلۇت ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتىپ، ئۈزلۈكسىز يەككە ئابونتىرنىڭ ئەۋزەللىكىنى  كۆچمە ئابونتىرغا كېڭەيتتى. تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئابونتلارنىڭ كۆچمە ئىزدەشكە بولغان تەلىپىنى تەڭ بەيدۇ شىركىتىمۇ داۋاملىق ئاكتىپ ھالدا كۆچمە بۇلۇت ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى تەشەببۇس قىلدى.

2012-يىلى 9-ئايدا بەيدۇ شىركىتى ئاچقۇچىلارغا بۇلۇت ساقلىغۇچ، كۆپلىگەن سانلىق مەلۇمات ئىقتىدارى ۋە بۇلۇت ھېسابلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يادرولۇق بۇلۇت ئىقتىدارنى يۈزلەندۈردى. ئاچقۇچىلارغا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تېخنىكىلىق قوللاش ۋە تەشەببۇسىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى. ھەم ئۇلارغا كۆچمە بۇلۇت دەۋرىدە تېخىمۇ ياخشى بولغان كىرىم ۋە يېتىلىش بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بەيدۇ شىركىتى جۇڭگودىكى ئەڭ قىممەتلىك ماركىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەنگلىيە ‹‹پۇل-مۇئامىلە گېزىتى››دە بەيدۇ شىركىتىنى مىسال قىلىپ،‹‹ دۇنيادىكى ئون چوڭ دۇنياۋى ماركا ›› قاتارىدىكى ئەڭ ياش شىركەت، بىردىنبىر ئىنتېرنېت تورى شىركىتى دەپ قارالدى. شۇنداقلا «ئاسىيادىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر كارخانا››،‹‹ دۇنيادىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئەڭ باي كارخانا››،‹‹جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى كۈچى يۇلتۇزى›› قاتارلىق شەرەپلىك  ناملارغا ئېرىشتى.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز