تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قىز دوستىنى ئۆلتۈرگەن ساراڭ !

   قىز يىگىت ئەسلىدە بىر – بىرى بىلەن تونۇشمايتى ، ئۇلارنىڭ بىرسى جەنۇپتا ، بىرسى شىمالدا ئىدى  ، ھەر ئىككىسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ئۇلارنى يامان كۆرەتتى ، سىغدۇرمايتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەر يەرلەردە سەرگەردان بولدى . يىگىت جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ماڭدى، قىز شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ سەرگەردانلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرماقتا . يىگىت ساراڭ  ئەمەس ئىدى ، لېكىن قۇرلۇشتا ئىشلەش جەريانىدا بېشىغا خىش چۈشۈپ كېتىپ ، ساراڭ بولۇپ قالدى ، قىزمۇ ساراڭ  ئەمەس ئىدى، ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان چاغدا گەرچە پۈتۈن شەھەر بويىچە بىرىنچى بولغان بولسىمۇ لېكىن ، چاقىرقىنى پۇلى بار بىرسى ئالماشتۇرىۋالغان ئىدى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قىز گەپ قىلماس بولۇپ قالدى . ئۇمۇ ساراڭغا ئايلاندى

      قىز يىگىت  ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، شۇ يۈرگەنچە نۇرغۇن مۇساپىلارنى بېسىپ نۇرغۇن يول يۈردى ،يىگىتنىڭ ئۇچسىدىكى كىيىم كىرلىشىپ ئەسلى رەڭگىمۇ يوقالدى، ئايىقىمۇ تىشىلىپ قاپقارا بارماقلىرى كۆرۈنۈپ قالدى . قىزنىڭ ئۇچىسىدىكى قىزىل كىيىمىمۇ كۈل رەڭگە ئۆزگەردى، چاچلىرى چۇۋۇلۇپ چگىلىشىپ كەتكەن ئىدى، لېكىن يۈزى يەنىلا تولىمۇ ئاق ئىدى، قولىدا بىر مېنرال سۇ پوتۇلكىسىنى كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، يولدىن ئۆتكەنلەر ئۇنى كۆرۈپ مازاق قىلىشاتتى. بىر ئاخشىمى ئۇلار ئىككىسى ئۇچرىشىپ قالدى . ئۇلار كۆكىرىپ قالغان بىر  بولكىغا تەڭلا قول ئۇزاتقاندا باشلىرى  ئۈسۈشۈپ كەتتى، يىگىت قىزغا قەھرى بىلەن تىكىلدى ، قىز بولسا ئەخمەقلەرچە كۈلۈپ قويدى . يېگىت غەلبە قىلدى ، بولكىنى ئېلىۋالدى، يوغان ، قارىداپ كەتكەن سۆسۈن رەڭلىك ئاغزى بىلەن يىيىشكە باشلىدى، قىز ساددا كۆزلىرى بىلەن ھەيرانلىقتا يىگىتكە تىكىلگىنىچە قېتىپ قالغان ئىدى، كۆزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچكەن يىگىت قىزغا لەپپىدە بىر قارىدى .قىز تېخىچە يىگىتكە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، ئاغزىدىن توختىماي شۆلگەي ئاقاتتى . يىگىت يىيىشنى توختىتىپ قىزغا سەپ سېلىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى ساراڭنىڭ كۆزلىرى بىر- بىرى بىلەن تىكىلىشتى، يىگىتنىڭ چىرايىدا ھىچقانداق ئىپادە يوق ئىدى، قىز بولسا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، يىگىت قىزغا بولكىنى بەردى ، قىز ئېشىپ قالغان يېرىم پارچە بولكىنى غاجاۋاتاتتى ، يىگىت ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالدى، كەينىگىمۇ قارىمىدى . قىز يىگىتنىڭ ئۇخلايدىغان ئىسكىلاتىغا كەلگىچە توختىماي ئەگىشىپ ماڭدى ، يىگىت ئىسكىلاتقا كەلگەندىلا ئاندىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ قىزنى كۆرىدى .ئۇلار بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىككىسى ساراڭ بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى، كۈندۈزى چىقىپ ئەخلەتلىك ئارىسىدىن يىمەكلىك تېرىپ يەپ قورساقلىرىنى تويغۇزىشاتتى، بىر كۈنى يىگىتنىڭ قولىغا بىر ئۈزۈك چىقىپ قالدى ، يىگىت ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا قىزغا تاقاپ قويدى، قىز بولسا يىگىتكە قاراپ توختىماي كۈلۈمسىرەيتى، شۇ ئاخشىمى قىز ئىنتايىن قاتتىق كۈلدى ، كۈلگەندىمۇ بار ئاۋازىنى چىقىرىپ كۈلەتتى، ئاخىردا كۈلكىسى يېغىغا ئۆزگەردى، يىگىتكە ئېسىلىپ قاتتىق ئازابلىق يېغلىدى ، قىز ئۆزىنىڭ نېمىشقا يېغلىغىنىمۇ بىلمەيتى .

   كېيىن قىز ئاغرىپ قالدى، ئەزەلدىن ئاغرىپ يېتىپ قالمغان قىز، ئىنتايىن قاتتىق ئاغرىپ قالغان ئىدى، ئەتىگىنى يىگىتكە ئەگىشىپ ، يىمەكلىك تېرىپ يىگىلى چىقالمىدى، يىگىتكە قاراپ كۈلۈمسىرىيەلمىدى، يىگىت ئۆزى يالغۇز چىقىپ كەتتى، چۈشتە يىگىت قايتىپ كەلدى، قولىدا بىر يېڭى مېنرال سۇ پوتۇلكىسى بىلەن ، يېڭى بولكا تۇراتتى، يىگىتنىڭ يۈزلىرى يارىلانغان بولۇپ بۇرنىنىڭ ئاستىدا قان ئىزى تۇراتتى، يىگىت يايمىچىنىڭ ئالدىدىن مىىنرال سۇ ۋە بولكا ئوغۇرلىغاندا يايمىچىدىن تاياق يىگەن ئىدى،

    قىزنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلغان  بۇرۇنقىدەك يىگىتكە قاراپ كۈلۈمسىرەلمەيتى، يىگىت بولكىنى قىزنىڭ ئاغزىغا ئاپاردى ، قىز يىمىدى، قىز بولالمىغان ئىدى، پۈتۈن ئەزايى قاتتىق قىزىپ،  ھوشىدىن كەتتى، يىگىتنىڭ چىرايىدا تۇنجى قېتىم ئىنكاس پەيدا بولدى، يىگىت ئىنتايىن ئالاقىزادە بولۇپ كەتتى -دە يۈگۈرگىنىچە  چىقىپ كەتتى، ساقچى فورمىسى كىيىگەن بىر كىشىنى كۈرۈپ يېغلاپ كەتتى، يىگىت يېغلىدى، تۇنجى قېتىم يېغلىدى، يىگىت ئايالىمنى قۇتقۇزۇڭلار ، قۇتقۇزۇڭلار  دەپ ۋارقىرىدى، ساقچى فورمىسىنى كەيگەن ئۇ كىشى يىگىتنى  بىر قانچىنى تېپىپ : يوقال ھۇ ساراڭ ! نەس باسقۇر ساراڭ ! دەپ تىلىدى. يىگىت يېقىلدى، ساقچى فورمىسى كەيگەن كىشى يىگىتنىڭ قوسقىغا كەينى – كەينىدىن بىر قانچىنى تەپتى، يۈزىگە تۈكۈرۈپ كېتىپ قالدى، يىگىت ئۇزاققىچە يەردىن قوپالمىدى.
ئاخرى يىگىت قىزنى يۈدۈپ كوچىغا ئەچىقتى، كوچىدا كىشلەر ئىنتاين جېق بولسىمۇ ، ھىچ بىر ئىنسان ئۇلارغا نەزەر سېلىپ قويمايتى ، ھەممە كىشى ئۇلاردىن قېچىپ ماڭاتتى، قىز ئىنتايىن ئاجىز نەپەس ئالاتتى، يىگىت يول بويىدىكى چېقىلغان ئەينەك پارچىسىنى  كۆتۈرۈپ كەلدى -دە ، قىزنىڭ ئاجىز قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ، يېغلىغىنىچە قىزنىڭ بىلىكىگە كۈچەپ  سۈركىدى ، يىگىتنىڭ يۈزلىرىگە قان تەپتىپ چىقىپ قىپقىزىل بويىۋەتتى، ساراڭ قاتتىق كۈلۈپ : مەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويدىم ، سىلەر كۆرگەنسىلەر ، مەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويدۇم ، دەپ توختىماستىن توۋلايتى،قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئاخىرى كەلدى ، قىز ئېلىپ كېتىلدى، ئەتراپتىكى كىشلەر يىگىتكە تۈكۈرۈشتى، تىللاشتى، كېيىن كېتىپ قېلىشتى.  قىز  جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ يەنىلا قان جېىق چىقىپ كەتكەنلىكتىن ئۆلۈپ كەتتى، قىز دوختۇرخانىغا بېرىپ بىر سائەتكىچە بولمىغان ئارلىقتا جەسسەت ساقلاش ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇلدى، ئۇنىڭ چىرايىدا يەنىلا كۈلۈمسىرەش ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى، قولىدا ھېلىقى ئۈزۈكنى پىششىق تۇتۇۋالغان ئىدى .يىگىت قىزنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغان بولسىمۇ قىز قايتىپ كەلمىدى، قايتىپ كېلىپ يىگىتكە قاراپ كۈلۈمسىرىمىدى، يىگىت يېغلىدى، ئىنتايىن ئازاپلىق يېغلىدى، بىر كېچە پۈتۈن ئاۋازىنى قويىۋېتىپ يېغلىدى . شۇندىن كېيىن بۇ يىغا ئاۋازى قايتا ئاڭلانمىدى.
 بىر مەزگىلدىن كېيىن  بۇرۇنقى ئەخلەت تۇڭى يېنىدا كىشلەر يىگىتنىڭ جەسسىتىنى بايقىدى، يىگىت كۈلۈمسىرىگىنىچە قېتىپ قالغان ئىدى، قولىدا كۆكىرىپ كەتكەن بولكا بىلەن تېخى ئاغزى ئېچىلمىغان مېنرال سۇنى قۇچاقلىۋالغان ئىدى.....

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز