ئالما iOS سىستېمىسى دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنكى كۈندىكىiOS7 گىچە بولغان ئارىلىقتا، سىستېما نەشىرى كۆپ قېتىم يېڭىلاندى، بىراق، سىستېما ئارا يۈزىنى سېلىشتۇرساق، ئۇنىڭ ئاساسىي ئۇسلۇبىدا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. ھالبۇكى،iOS6 بىلەن iOS7 ئارىسىدا بولسا «ئاسمان-زېمىن» پەرق بار دىيىشكە بولىدۇ.
يۇقارقى رەسىم تېڭشۈن تورى تەرىپىدىن تەمىنلگەن بولۇپ، رەسىمدە iOS سىستېمىسىنىڭ بارلىق نەشىرلىرىنىڭ ئاساسلىق ئارا يۈزى نامايەن قىلىنغان، سولدىن-ئوڭغىچە بولغان ئۆزگىرىشلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن نەزەر سالساق، بىز ئۇنىڭدىنiOS سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھالبۇكى، يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان iOS7 سىستېمىسى بولسا دەل مۇشۇ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغۇسى.