تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
​ئالما قارمىقىدىكى مۇلازىمەت OpenSS يوچۇقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى

​ئالما قارمىقىدىكى مۇلازىمەت OpenSS يوچۇقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى

 

    سىنا پەن-تېخنىكىسىنىڭ 11-ئاپرېل خەۋىرى: ئالما شىركىتى 10-ئاپرېل بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ كۆچمە، ئۈستەل يۈزى ۋە تور بەت مۇلازىمىتى OpenSS نىڭ Heartbleed يوچۇقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان.
    ئالما شىركىتىنىڭ باياناتچىسى:«ئالما شىركىتى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ. iOS ۋە OS Xئەزەلدىن يوچۇق مەۋجۇت يۇمشاق دېتال ئىشلىتىپ باقمىغان، تور بەتنى ئاساس قىلغان مۇلازىمەتمۇ تەسىرگە ئۇچرىمىدى» دېدى.
    ئۇچۇر بىخەتەرلىك شىركىتى Codenomicon ئەڭ بالدۇر Heartbleed يوچۇقىنى خەۋەر قىلدى، بۇ يوچۇق كۆپلىگەن تور بەتلەردە بارلىقى بايقالدى. ئۇچۇر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى برۇس شىنىيېر (Bruce Schneier) بۇ ھەپتە بلوگىدا بىلدۈرۈشىچە،Heartbleed بىر مەيدان ئاپەت كەلتۈرگەن. «ئەگەر 1 دىن 10 دەرىجىگە ئايرىيدىغان بولساق، بۇ ۋەقەنىڭ دەرىجىسى 11 كېلىدۇ» دېدى.
    بىر قىسىم ئاساسلىق ئىنتېرنېت شىركەتلىرى بۇ يوچۇقنى تېز ئوڭشىماقتا. بىراق Facebook، گۇگول ۋە ياخۇ تورلىرى بىر مەزگىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتى Heartbleed يوچۇقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى بىردەك ئېتىراپ قىلدى.ئۇچۇر بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسىسى ئابونتلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان تور بەتلەردە مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتىشىنى ئەسكەرتتى، ئەمما بۇ تور بەتلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تاماملاپ بولۇشىنى ساقلاپ تۇرۇش كېرەك.
    تەرجىمان: ئوكيان

 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز