تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مەيدە ئېچىشىشنى پەسەيتىشتىكى ئاددىي ئۇسۇللار

  بەزى كۈنلىرى تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ قورساق قىسمى قاتتىق ئېچىشىپ، بىر خىل ئاچچىق كىسلاتا قورساق قىسمىدىن مەيدە قىسمىغا ئۆرلەپ ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. يېقىندا ئامېرىكىدىكى «ساغلاملىق گېزىتى» مەيدە ئېچىشىشنى پەسەيتىپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان بىر نەچچە ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلار تۆۋەندەكىچە:

    بانان يېيىش: بانان بولسا بىر خىل تەبىئىي، كىسلاتاغا قارشى رېئاگىنىت بولۇپ، ئاشقازان ئىچكى دېۋارىغا شىلىمشىق يېپىشقاق پەردە ھاسىل قىلىدۇ. ئەمما %1 كە يېقىن مەيدىسى ئېچىشقان كىشىلەر بانان يېگەندە كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭلاشقا بانان يەپ بولغاندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىنى يەنە ياخشى كۆزىتىش كېرەك.

    تاماققا ئازراق زەنجىۋىل سېلىۋېتىش: تاماققا زەنجىۋىلدىن ئاز مىقداردا سېلىۋەتكەندە مەيدە ئېچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    سېغىز چايناش: تەتقىقاتلاردا ئېيتىلىشىچە، تاماقتىن كېيىن شېكەرسىز سېغىز كەمپۈتنى 30 مىنۇت ئەتراپىدا چايناپ بەرگەندە، شۆلگەينىڭ ئاجىرىلىپ چىقىرىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدىكەن.

    ئاز مىقداردا سودا سۈيى ئىچىش: ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىستېتى تېببىي ئىنىستىتوتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: سودا سۈيى ئىشقارلىق بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن نېيتراللىشىپ كېتىپ، مەيدە ئېچىشىشنى پەسەيتىدۇ. لېكىن دائىم مەيدە ئېچىشقاندا، سودا سۈيى ئىچسە ئاشقازاننىڭ كۆپۈشىنى، تېخىمۇ بىئارام بولۇپ قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، دائىم غولپىياز، سامساق يەپ تۇرغاندا قاندىكى ماي ماددىسىنى ، قەنت ماددىسىنى ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، شۇنداقلا مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىكەن. دائىم سامساق ۋە غولپىياز يەپ بەرگەندە، جۇغلانما ‹‹مەزى بېزى›› كىچىك تومۇرلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپ، قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ۋە ئۇنى داۋالايدىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز