جامالىدىن جالالىدىن شېئىرى
تېتىپ باقتىم قارنىڭ تەمىنى،
زوقۇم كەلگەچ ئاڭا مىڭ مەرتەم.
سېغىنغاچقا ئۇنىڭ پەيزىنى،
تەشنالىقىم بېسىلماس دەم – دەم.
قىسىۋالدىم لەۋلىرىم بىلەن،
كائىناتنىڭ ئاپپاق گۈلىدىن.
ئالدىم لەززەت روھىناتىمدا،
گۈزەل قىشنىڭ ئەركە كۈيىدىن.
قار پومزىكى ياساپ قولۇمدا،
يارغا ئاتتىم چەنلەپ يېنىشلاپ.
يارمۇ باقتى زوق بىلەن ماڭا،
زىمىستاندا قالدۇق يېلىنجاپ.
ئاق لىباسلىق دەرەخلەر، شاخلار،
قىيا باقتى ئېگىلگىنىچە.
بىلەلمىدۇق زوقلاندۇقمۇ بىز؟
زوقلاندىمۇ ياكى قىش بىزگە؟
بېسىلمىدى خۇشلۇقتىن چۇقان،
جىمى شادلىق بىزگە مەنسۇپتەك.
شوخ كۈلكىلەر ياغار ئەتراپقا،
كۆك ئەركىسى ئاشۇ قارلاردەك.
پاختەك مىسلى، تورغايدەك مىسلى
چۈشكەن بۇ قار يارغا قوشكېزەك.
مەن تەمىنى تېتىغان تۇيغۇ
سۆيگۈمىزگە بەرگەنتى بېزەك.