ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
1.خورەك تارتىش. ئادەتتە نەپەس يوللىرى توسۇلۇپ قېلىش، سېمىزلىك قاتارلىقلاردىن پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم خورەك تارتىدىغان، قاتتىق خورەك تارتىدىغان كىشىلەردە بەلكىم يۈرەك كېسىلى، سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەر بولۇشى مۇمكىن. يېنىك خورەك تارتىدىغانلار ياستۇقنى ئېگىز قويۇپ ياتسا ياكى يېتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ئۇخلىغاندا، بۇرۇن بىلەن نەپەسلىنىشكە ئادەتلەنسە، خورەك تارتمايدىغان بولىدۇ. ئەگەر خورەك بەك ئېغىرلىشىپ كەتسە، دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.
2.كۆپ تەرلەش. قالقانسىمان بەز گورمۇنى ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن، دىئابىت كېسىلى بار كىشىلەر ئۇخلىغاندا كۆپ تەرلەيدۇ. بۇ خىل تىپتىكىلەر ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆيلەردە ئۇخلىشى كېرەك.
3.چىشىنى غۇچۇرلىتىش. چىشنى غۇچۇرلىتىش ئاساسەن پىسخىك سەۋەبتىن بولىدۇ، يەنى قورقۇنچلۇق ھەم غەزەپلەندۈرىدىغان چۈشلەرنى كۆرگەنلەرنىڭ چىشى غۇچۇرلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەمنىڭ ئۈچەي يولىدا قۇرۇت بولسىمۇ چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
4.كۆپ سىيىش. كېچىدە كۆپ سىيىش بەلكىم مەزى بېزى يوغىناپ قالغانلىقنىڭ،داس بوشلۇقىدىكى ئەزالاردا ياللۇغلىنىش كۆرۈلگەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ،ئۇخلىغاندا دائىم كۆپ سىيىدىغان ياشانغانلار دوختۇرغا ۋاقتىدا كۆرۈنۈشى كېرەك.