قەشقەر شەھىرىدە قىش پەسىللىك بىخەتەرلىك تەشۋىقات تەربىيەسى كۈچەيتىلدى
يوللانغان ۋاقىت: 2013-12-01
يوللىغۇچى: ئابدۇخېلىل(ز)
ئاۋاتلىقى: 693 قېتىم كۆرۈلدى

24-نويابىر، شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئابدۇكېرىمجان سەمەن يېزا دۆڭ ئېرىق باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈم مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە باغلىغان مەكتەپلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قىش پەسلىدىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، قاتناش بىخەتەرلىكى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈردى.
ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى